چاقماق خەۋەر

2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى يىغىنى ئېچىلدى

 

2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى يىغىنى ئېچىلدى

11-قېتىملىق دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى يىغىنى 14-ئىيۇل ئىستانبۇلدا  ئېچىلدى.
يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان «يىغىننىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى» تېمىسىدا ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يىغىنغا قاتناشقان بارلىق مېھمانلارغا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن ئالاھىدە رەھمەت ئېيتقاندىن كېين مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«بۇ قېتىمقى يىغىلىشىمىزغا دەۋا سېپىگە يېڭىدىن پارلىغان يۇلتۇزلارمۇ قوشۇلدى. بىزدە ئۆزئارا ھەمكارلىقنىڭ بولماسلىقىدەك ئېغىر كەمچىللىك بولغانلىقى ئۈچۈن، تۇنجى باسقۇچلاردا يىغىلىشىمىزنىڭ ئىسمىنى «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنى»دەپ قويدۇق. بۇ خىل ۋاسىتە ئارقىلىق ئۆزئارا تونۇشۇش، چۈشىنىش ۋە بىرلىككە كېلىش ئارقىلىق، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىشتا ھەمكارلىشىشنى مەقسەت قىلدۇق. كېيىنكى باسقۇچتا يىغىلىشىمىزنى «مىللىي بىرلىك شۇراسى»دەپ ئاتاپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا مىللىي بىرلىك سەپنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى مەقسەت قىلدۇق. بىزنىڭ «مىللىي شۇرا» دەپ ئاتىشىمىز نوقۇل ھالدىكى مىللەتچىلىكنى چىقىش نۇقتىسى قىلغانلىقىمىزدىن بولماستىن، بەلكى مىللىي ۋە دىنىي ئاڭنى چىقىش نۇقتىسى قىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مىللىي ۋە دىنىي نۇقتىدىن ۋەكىللىك قىلىش ۋە بۇ نۇقتىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت».


شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى ئاتاۋۇللاھ شاھيار سۆز قىلىپ: «يىغىنغا قاتناشقان قېرىنداشلارنىڭ كاللىسىدا «مەن مىللەتنىڭ يېتەكچىسى» دېگەن ئاڭ بولماسلىقى، ئەكسىچە «مەن خەلقىمنىڭ خىزمەتچىسى» دېگەن ئاڭدا بولۇشى ۋە مۇشۇ چۈشەنچە بىلەن خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك. بىز «بىرلىك ۋە باراۋەرلىك» ئۇقۇمىنى «خىتايغا قارشى تۇرۇشتا بىرلىككە كېلىش» دەپ چۇشىنىشىمىز كېرەك. چۈنكى بىزدە ئوخشىمىغان چۈشەنچىگە ئىگە كىشىلەر بار. «بىرلىككە كېلىش» دېگەن ئۇقۇمنى «بارلىق ئادەملەرنىڭ تونۇشىنى مەجبۇرىي بىر قېلىپقا سېلىش» دەپ چۈشەنمەسلىك لازىم، بەلكى تونۇشتىكى پەرقلەرنى ساقلىغان ئاساستا خىتايدىن ئىبارەت رەزىل دۇشمەنگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشنى نىشان قىلىشىمىز كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا ئارىمىزدا جەڭگى-جېدەللار تېخمۇ كۈچىيىپ كېتىشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.


د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى «خىتاي-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كۈچىيىۋاتقان سىياسىي تونۇقۇشلار ۋە شەرقىي تۈركىستان كۈرىشى» دېگەن ماۋزۇدا سۆز قىلىپ: «بىز كۈلپەتلىك بىر ۋەزىيەتتە ياشاۋاتىمىز. لىكىن بۇ كۈلپەتلىك مۇھىت بىزگە ئويلىمىغان پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ. خەلقئارادا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تارىختا بولۇپ باقمىغان كۈنتەرتىپكە كەلدى. ئامېرىكا ئەسلىدە خىتاينى تەرەققى قىلدۇرۇش ئارقىلىق لېبراللاشتۇرۇپ، تىنچ ئۆزگەرتىۋېتىشنى پىلانلىغان. بىراق خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە كۈچەيگەندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقماي، ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، نۇرغۇن ساھەلەردە ئامېرىكىغا قارشى ئورگانلانى قۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ دېگىنىگە كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۆزىگە بىر تەھدىت دەپ قارىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ زىددىيىتى كۈچىيىشكە باشلىدى. نەتىجىدە ئامېرىكىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇھىم كۈنتەرتىپكە كەلدى. ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئارقىلىق خىتاينى چەكلىمەكچى بولدى. ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ زىددىيىتىدىن ئۆنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە پايدىلىنىشنى بىلىش بىزدىكى مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى. بىز ئوخشىمىغان ئاكتۇرلارنى بىلەن بىر يەرگە كەلتۈرۈپ، دەۋادا پىكىر بىرلىكى ۋە ھەرىكەت بىرلىكى شەكىللەندۈرىشىمىز مۇھىم دەپ قارايمەن» دېگەنلارنى بىلدۈردى.


سوئال-جاۋاب قىسمىدا ش ت ب رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان، ش ت ئۆ رەئىسى ئاتاۋۇللاھ شاھيار، د ئۇ ق رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىلەر يىغىن قانتاشقۇچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سورىغان «ئامېرىكىدا شەرقىي تۈركىستان مەسلىسى مۇھىم كۈنتەرتىپكە كەلدى. ئۇنداقتا ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيدۇ؟» قاتارلىق سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

قازاقسىتاندىن كەلگەن يازغۇچى، جامائەت ئەربابى قەھرىمان غوجامبەردى «يېڭى دۇنيا ۋەزىيىتىدە خىتاينىڭ تەسىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تېمىسدا سۆز قىلىپ:  «ئالدىنقى ئەسىرلەردە ئامېرىكا رۇسيەنى ئۆزىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك دۈشمىنى دەپ قاراپ كەلگەن. يېقىندىن بېرى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ۋە ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا خىتاينى بىرىنچى دەرىجىلىك دۈشمەن دەپ قاراشقا باشلىدى. بۇ بىز شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن پايدىلىق. بىزدىكى بارلىق تەشكىلاتلار ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى لازىم» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

 چۈشتىن كېيىنكى يىغىنغا دوكتور ئالىمجان بۇغدا رىياسەتچىلىك قىلدى

دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى «خىتاينىڭ بىر بەلباغ، بىر يول پىلانىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى» تېمىسىدا سۆز قىلىپ، خىتاي بىر بەلباغ، بىر يول سودا پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرۈشكە باشلىغانلىقىنى، خىتاينىڭ باستۇرۇشى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئارىسىدىكى بىرلىكنىڭ كۈچىيىشكە باشلىغانلىقىنى، بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
پىروفېسسور، دوكتور ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق تارىخنى ئەسلىتىش ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن باستۇرۇش جىنايىتىنىڭ مەقسەت-نىشانى، خىتاينىڭ بىر بەلباغ، بىر يول پىلانىنىڭ مۇددىئاسىنى ئېچىپ بېرىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
سوئال-جاۋاب قىسمىدا پىروفېسسور، دوكتور ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق «خىتاينىڭ بىر بەلباغ، بىر يول سودا پىلانىدا يەتمەكچى بولغان نىشانى نېمە؟»، « تۈركىيە خىتاينىڭ بىر بەلباغ، بىر يول پىلانىدا پايدا ئالامدۇ ياكى زىيان تارتامدۇ؟» دېگەن سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي «خەلقئارا قانۇن ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، خەلقئارا قانۇن بىلەن دۆلەت قانۇنىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىزاھلاپ بېرىش بىلەن بىرگە، خەلقئارادىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى. سابىق خەلق ۋەكىلى، پىروفېسسور جالال ئەرباي «ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئەھۋالى، شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئەھۋالى، تۈركىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتى» قاتارلىق تېمىلاردا چۈشەنچە بېرىپ، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق زەرەر يەتمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا «22 دۆلەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئىمزا قويۇپ خىتاينى ئەيىبلىدى. بىراق بۇنىڭ ئىچىدە تۈركىيە يوق» دېگەن مەسىلىدە: «تۈركىيە ئۇ دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە ئىمزا قويمىدى» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

 

 

بۇ خەۋەر 521 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق