چاقماق خەۋەر

1984 رومانىدىنمۇ ۋەھىمىلىك

1984 رومانىدىنمۇ ۋەھىمىلىك

  1. Selim Babaoğlu

 

رۇسىيەلىك زارىنا زابرىسكى (Zarina Zabriski)نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاقلار توغرۇلۇق مەخسۇس تەييارلىغان ماتېرىيالنىڭ قىسقىچە تەرجىمىسى Byline Times تور بېتىدە ئېلان قىلىندى. بۇ ماتېرىيالدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ جورج ئورۋېل (George Orwell) تەرىپىدىن يېزىلغان «1984» دېگەن رومانىدا تەسۋىرلەنگەندىنمۇ بەتتەر ۋەھىمىلىك ئىكەنلىكى ئېيتىلغان.

 

نېرۋا تورى كۆزىتىش سىستېمى

 

ماتېرىيالدا 12 ياش بىلەن 65 ياش ئارىلىقىدىكى بارلىق ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ يۈز ۋە بەدەنىنىڭ سۈرىتى، گېن ئۇچۇرى (DNA) ۋە ئاۋازى قاتارلىقلارنى بېرىشكە مەجبۇرلانغانلىقى ھەمدە يوللاردا ھەر 300 مېتىر ئارىلىقتا بىردىن ساقچىلارنىڭ كۆزىتىش پونكىتى بارلىقى يېزىلغان.

ماتېرىيالدا يەنە ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ دوختۇرخانىلارغا، مەكتەپلەرگە ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا كىرمەكچى بولغاندا ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىلەن تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ۋە «IJOP» دەپ ئىسىم قويۇلغان سۈنئى ئىدراكلىق ئۈسكۈنە تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىدىن مەجبۇرىي ھالدا ئۆتىدىغانلىقى يېزىلغان. شۇنداقلا مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرى، ماي قاچىلاش پونكىتلىرى قاتارلىق ھەممە جايغا يوشۇرۇن ئاڭلاش ئەسۋابى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە بارلىق گەپ-سۆزلەرنى ئوغرىلىقچە ئاڭلايدىغانلىقى يېزىلغان.

نېرۋا تورى كۆزىتىش سىستېمى بولسا خىتاي ئارمىيەسى تەرىپىدىن يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش ئەسلىھەسى «C4ISR»گە ئاساسەن ياسالغان بىر سىستېمىدۇر.

سۈنئى ئىدراك ئۈسكۈنىسى بىلەن كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈش پىروگراممىسىدا تەكشۈرۈلگەن كىشىنىڭ خەتەرلىك ياكى ئەمەسلىكى نومۇر قويۇپ باھالاش ئارقىلىق ئۆلچىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر سۈنئىي ئىدراك ئۈسكۈنىسى تەكشۈرۈلگەن كىشىگە A 100 دەپ نومۇر قويسا، بۇ دەل «يۈزدە يۈز خەتەرلىك» دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇيغۇر ۋە قازاقلار مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەڭ نورمال ئادەم بولغان تەقدىردىمۇ قويۇلىدىغان نومۇر ئوندىن چۈشۈپ كەتمەيدۇ.

 

ھەتتا ئۆيىدىمۇ شەخسىي تۇرمۇش يوق

ھەرقانداق ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ نورمال پائالىيەت قىلىشى ئۈچۈن مەخسۇس بەلگىلەنگەن رايونى بار. بۇ رايوندىن سىرتقا چىقىشى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن چەكلەنگەن. «IJOP» دەپ ئىسىم قويۇلغان سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق چىراي تونۇش سىستېمىسىنىڭ كامېرالىرى يول، بىنالارنىڭ ئىچىگىچە بولغان بارلىق ئورۇنلارنى 24 سائەت كۆزىتىپ تۇرىدۇ. بۇ كامېرالار بەزى ئالاھىدە ھەرىكەتلەرگە ئىنكاس قايتۇرالايدۇ. بىر نەچچە ئۇيغۇرنىڭ خىتاي دائىرىلىرى بەلگىلەپ بەرگەن رايوننىڭ سىرتىدا كۆرۈشۈپ قېلىشى «ئالاھىدە ھەرىكەت» ھېسابلىنىدۇ.

ئېلان قىلىنغان رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئىشلەتكەن كامېرالارنىڭ سانى 2020-يىلى 626 مىليونغا يېتىدىكەن. يىغىلغان بارلىق ئۇچۇرلار «IJOP» دەپ ئىسىم قويۇلغان سۈنئى ئىدراك ئۈسكۈنىسى تەرىپىدىن داۋاملىق تەھلىل قىلىنىپ تۇرۇلىدۇ. بۇلاردىن باشقا خىتاي ساقچىلىرى داۋاملىق چارلاپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى، تېلېفونلىرى، تور خاتىرىسى، كىتاب-ژۇرناللىرى قاتارلىق بارلىق نەرسىلەرنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش كىيىم كىيىش، ساقال-بۇرۇت قويۇش، مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇش قاتارلىقلار چەكلەنگەن. بىر مىليونغا يېقىن خىتاي ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ ئۆيىدە ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە يېتىپ قوپۇپ ياشايدۇ.

 

تېلېفونلارنى كۆزىتىپ تۇرۇش

 

بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلەتكۈچىنىڭ ئالاقىلاشقۇچىلىرىنى، ئورنىنى، ئوقۇغىنىنى، يازغىنىنى  «IJOP» سۈنئى ئىدراك سىستېمىسىغا يوللاپ بېرىدىغان «جىڭۋاڭ» ناملىق ئەپ دېتالىنى تېلېفونلىرىغا چۈشۈرۈشى ۋە ئاكتىپلاشتۇرۇشى كېرەك. باشقىلارنىڭ تېلېفونىنى ئىشلىتىش ۋە ئىشلەتكەن تېلېفوننى تاقاش چەكلەنگەن.

جىڭۋاڭ ئەپ دېتالىدا 36 خىل گۇمانلىق ھەرىكەت بايقالغان. كىشىلەرنىڭ ئىشلەتكەن تېلېفونلىرىنىڭ توكىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى تېز تۈگىتىشى، كۆپلىگەن كىتابلارنى چۈشۈرۈشى قاتارلىقلار بۇ گۇمانلىق ھەرىكەتلەردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەھۋالنى سېزىپ قالغانلار بىۋاسىتە مېڭە يۇيۇش لاگېرىغا ئەۋەتىلىدۇ.

 

مەخپىي ئارخىپ تۇرغۇزۇش ۋە ئىجرا قىلىش

 

نېرۋا تورى كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىن كۆزىتىش كامېرالىرىغىچە، شەخسىي تېلېفونلىرىدىن تارتىپ بارلىق ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرىغىچە بولغان بارلىق نەرسىلەردىن توپلانغان ئۇچۇرلارنى يىغىپ تەتقىق قىلىدۇ. بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئىچىدە تۇغۇش ئىقتىدارى، تەن سالامەتلىكى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىغا ئائىت ئۇچۇرلارمۇ توپلىنىدۇ. بالاغەت يېشىغا توشقان كىشىلەرنىڭ %10ى يوقاپ كەتكەن بولۇپ، يېشى كىچىك، بېقىشقا ئېھتىياجلىق بالىلار بولسا نورمالدا بېقىۋېلىشقا بېرىلىدۇ.

 

تەربىيەلەش مەركەزلىرى ۋە جازا لاگېرلىرىدا

 

مېڭە يۇيۇش لاگېرلىرى ۋە جازا لاگېرلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىققانلارنىڭ ئېيتقانلىرىغا قارىغاندا، كامېرلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون مېتىر بولۇپ، ناھايىتى تار. بىر ياتاقتا ئىككى كىشى نۆۋەتلىشىپ ياتىدۇ. تۆت كامېرا داۋاملىق ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. مەھبۇسلارنىڭ پاراڭلىشىشى، يىغلىشى، كۈلىشى، ھەتتا رۇخسەت قىلىنغان تەرەپتىن باشقا تەرەپكە قارىشىمۇ چەكلەنگەن.

بۇ بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىنغاندا خىلاپلىق قىلغان كىشى مىكروفۇندا نومۇرى بىلەن چاقىرىلىپ ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ. مەھبۇسلارنىڭ ئىسىملىرى ئىشلىتىلمەيدۇ. ئىسمى ئورنىغا نومۇرى ئىشلىتىلىدۇ. مەھبۇسلار ھەر قېتىمدا ئىككى سائەت ئۇخلىيالايدۇ. ئىككى سائەت توشقان ھامان داۋاملىق مەجبۇرىي ئويغىتىلىپ، مەلۇم ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا مەجبۇرلىنىدۇ.

بۇ ۋەزىپىلەرنىڭ ئىچىدە پىلاستىك ئورۇندۇقتا ھېچقانداق مىدىرلىماستىن (سائەتلەپ، كۈنلەپ) ئولتۇرۇشمۇ بار. كامېرالار بىلەن ھەممە يەر كۆزىتىپ تۇرۇلىدۇ. ئەمما كامېرا كۆرەلمەيدىغان جايلارمۇ بار. بۇ جايلاردا ئۇيغۇر ۋە قازاق قىزلارغا باسقۇنچىلىق قىلىنىدۇ.

تۈرمە جازاسى ئەڭ ئاز ئۈچ يىل. ئەمما مەھبۇسلار 10-15 يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن تۈرمىدە ياتىدۇ.

 

قىيىن-قىستاقلار

 

ھەرقايسى لاگېرلارنىڭ ئۆزىگە خاس قىيناش ئۇسۇللىرىنىڭ بارلىقى دېيىلمەكتە. بۇلاردىن توك سوقتۇرۇش ئارقىلىق جازالاش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرگۈزۈش، ئايلاپ قاراڭغۇ ھۇجرىغا سولاش، ئۇزۇن مۇددەت ئاچ قويۇش، تۆمۈر كالتەك بىلەن ئۇرۇش، كۈنلەپ، ھەپتىلەپ ھەتتا يىللاپ داۋاملىشىدىغان كىشەنلەش، پەقەتلا ئولتۇرغىلى بولىدىغان قىلىپ مەخسۇس ياسالغان قەپەزلەرگە سولاش، ئىنساننىڭ نورمال تۇرالىشى ئەڭ قىيىن بولغان ھالەتتە تۇرغۇزۇپ، زەنجىر بىلەن يەرگە باغلاپ قويۇش، مالتاققا (ياغاچتىن، بۈگۈنكى دەۋىردە قەلەيدىنمۇ ياسىلىدىغان، شەكلى كوزىغا ئوخشاپ كېتىدىغان، ئەگەر قاتتىق مەجبۇرلىسا ئىچىگە بىر ئادەمنى بۈكلەپ تەستە تىققىلى بولىدىغان كۈپ) كەپلەپ تىقىپ قويۇش، پەقەت پۇتىنىڭ ئۇچى ئارانلا يەرگە تېگىدىغان ھالەتتە قىلىپ، قوللىرىدىن تامغا ئېسىپ قويۇش، قىيىن-قىستاققا ئالىدىغان ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇش، بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ، ئۆزىگە ئوخشاش ئۇسۇلدا جازالانماقچى بولغان كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە بىر يەرگە يىغىپ، خىلمۇ خىل ئۇسۇللار بىلەن قىيناش قاتارلىقلار بار.

تۈرمە ۋە لاگېرلاردىن قۇتۇلۇپ چىققان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، مەھبۇسلار بىردەك ھالدا ھەرقانداق بىر جازاغا تارتىلغاندىن كېيىن مەجبۇرىي ھالدا ئۇكۇل ئۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىل ئوكۇل سەۋەبلىك ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ ئائىلىلىرىگە «كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلدى» دەپ خەۋەر قىلىدۇ.

 

قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى (قىرغىن قىلىش لاگېرلىرى)

 

لاگېرلارغا سولانغان كىشىلەر مەجبۇرىي خىتايچە ئۆگىنىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرىنى ئاڭلاش ۋە كۆرۈشكە مەجبۇرلىنىدۇ.

 مەيدانلاردا ئاشكارا ھالدا ئۆز خەلقىگە قارشى چىقىپ خىتاي قانۇنلىرىنى مەدھىيەلەشكە، كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ شوئارلىرىنى مىڭلىغان قېتىم تەكرارلاشقا، ياغلىق چېگىشنىڭ، قۇرئان ئوقۇشنىڭ، پەرزەنتلىرىگە مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى يىغىلغان كىشىلەرگە چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇرلىنىدۇ.

بۇ لاگېرلارغا سولانغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى يېزا خەلقى بولۇپ، جىنايىتىنىڭ خىتايچە بىلمەسلىك ئىكەنلىكى، قالغانلىرىنىڭ بولسا تېلېفونلىرىغا چۈشۈرۈشكە مەجبۇر قىلىنغان دېتاللارنى چۈشۈرمىگەنلىكى ئىكەنلىكى ۋە چەكلەنگەن رايونلارغا كىرىش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

تۇتقۇن قىلىپ لاگېرغا سولاشنىڭ سەۋەبى بولسا ۋاتسئەپ (WhatsApp)، ۋ پ ن (VPN)، تېلېگرام (Telegram)، ۋىبەر (Viber)گە ئوخشاش چەكلەنگەن ئەپ دېتاللىرىنى چۈشۈرۈش، تېلېفونلىرىدا ياغلىق چەگكەن تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى ساقلاش، چەكلەنگەن تور-مۇنبەرلەرگە كىرىش، قۇرئان ياكى ئايەتلىرىنى ساقلاش، جىنازا نامازلىرىدا قۇرئان ئوقۇش، جايناماز ئېلىپ يۈرۈش ۋە ئىسلامچە كىيىم كىيىش قاتارلىقلار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

يۇقىرىدا ئېيتىلغانلاردىن باشقا لاگېرلاردىكى ئۈچىنچى بىر گۇرۇپپىنىڭ ئىسلامىي تۇرمۇش كەچۈرگەن كىشىلەر ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. بۇ گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ناھايىتى ئېغىر شارائىتلار ئاستىدا ياشايدىغانلىقى، 10 يىلدىن 15 يىلغىچە قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، بۇ جازا مۇددىتىنىڭ 30 يىلغىچە ئۇزارتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ھاجەت قىلىشنىڭمۇ قاتتىق باشقۇرۇلىدىغانلىقى، كىچىك تەرەت ئۈچۈن ئىككى مىنۇت، چوڭ تەرەت ئۈچۈن ئۈچ مىنۇتلا ۋاقىت بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

 

لاگېرلاردىن ۋە تۈرمىلەردىن قۇتۇلغانلار

 

بىز ئۈستىدە توختىلىۋاتقان لاگېر ۋە تۈرمىلەردىن قۇتۇلۇپ چىققانلار ئۇنتۇغاقلىق، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇيقۇسىزلىق، ھودۇقۇش، چۆچۈش، باش ۋە بۆرەك ئاغرىقلىرىغا ئوخشاش كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

لاگېر ۋە تۈرمىلەردىن چىققان بارلىق ئەرلەرنىڭ مەجبۇرىي ئوكۇل ئۇرۇش سەۋەبىدىن پەرزەنت كۆرەلمەسلىك، ئاياللارنىڭ تۇغماسلىق ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا گىرىپتار بولغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ئۇيغۇر ۋە قازاقلار تۇغماس قىلىۋېتىلمەكتە.

 لاگېرلاردىن ۋە تۈرمىلەردىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنى قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇن تۈرمە ۋە لاگېرلاردا كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئورۇن ۋە شەخسلەرگە قەتئىي دېمەسلىككە، ئەكسىچە بولغاندا جازالىنىدىغانلىقىغا دائىر ھۆججەتكە قول قويدۇرىدۇ.

 

https://millidusunce.com/uygur-turkleri-hakkinda-rus-raporlari-1984-romanindan-daha-vahim/?fbclid=IwAR2LCwByu213RhFMbjU-gQ7R55TFQOHodJaMI74aVECe2Qc3wWPZEyajSy4

 

 

بۇ خەۋەر 261 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق