ئەنگلىيە خىتاي باش ئەلچىسىنى جىددىي چاقىرتتى

ئەنگلىيە خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار ۋازارىتىگە چاقىرتىپ، خوڭكوڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئەنگلىيەدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى 14-ماي خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېڭ زېگۇاڭنى چاقىرتىپ، خوڭكوڭنىڭ چەت ئەل ئىستىخبارات ئورگىنى ئۈچۈن ئەنگلىيەدە جاسۇسلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئەنگلىيەنىڭ 2023-يىلىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئۈچ جاسۇس ھەققىدە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

«كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى»نىڭ 14-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى جېڭ زېگۇاڭدىن جاسۇسلۇق دېلوسى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. تاراتقۇلار ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ ۋەقە ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى سورىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەنگلىيە تەرەپ بۇ ئىشقا تېخىچە جاۋاب بەرمىگەن.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى ئۈچ كىشىنى دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش، خوڭكوڭ ئىستىخبارات ئورگىنىغا ياردەملىشىش ۋە چەت دۆلەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىش قىلمىشى بىلەن ئەيىبلىگەن. بۇ ئۈچ كىشى شۇ كۈنى لوندوندىكى سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىپ، كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ چېگرادىن چىقىشى چەكلەنگەن. مەزكۇر ئۈچ كىشى ئاخبارات توپلاش، ئەنگلىيەدىكى خوڭكوڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا ياردەملىشىپ نازارەت قىلىش ۋە ئالدامچىلىق قىلىش قىلمىشى سەۋەبلىك ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن ئەنگلىيەدە پاناھلىق تىلەپ تۇرۇۋاتقان پائالىيەتچى ۋە دېموكراتچىلارنى نىشانلاپ، ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە ئاخبارات توپلىغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە بۆسۈپ كىرىشكە ئۇرۇنغان.

خوڭكوڭنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لى جياچاۋ سەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭنىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئىقتىساد ۋە سودا ئىشخانىسىنى ئاقلىدى ۋە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن قىلىنغان ھەرقانداق ئورۇنسىز ئەيىبلەشلەرنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىمۇ تۈنۈگۈنكى ئاخبارات يىغىنىدا خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى ئاقلاپ، ئەنگلىيە تەرەپنىڭ خىتايغا قارا چاپلىغانلىقى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي پۇقرالىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغىدىشى كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1613 قېتىم كۆرۈلدى
15/05/2024 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق