خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە تاشيول گۈمۈرۈلۈپ 36 خىتاي ئۆلگەن

خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى مېيجۇ شەھىرىدىكى بىر بۆلەك تاشيول گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، ۋەقەدە 36 ئادەم خىتاي ئۆلۈپ، 30 خىتاي  يارىلانغان.

گۇاڭدۇڭنىڭ مېيجۇ شەھىرى داپۇ ناھىيەلىك دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1-ماي سائەت 15:00 گىچە، گۇاڭدۇڭنىڭ مېيجۇ-داليەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ چياڭ بۆلىكىدە تاشيول گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن. بۇ ھادىسىدە 20 ماشىنا تاغ باغرىغا چۈشۈپ كەتكەن. ھادىسىدە 36 خىتاينىڭ ئۆلگەنلىكى، 30 خىتاينىڭ داۋالىنىۋاتقانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن. نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى داۋاملاشماقتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1331 قېتىم كۆرۈلدى
02/05/2024 12:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق