11 - نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى داغدۇغىلىق ئېچىلدى

11 - نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى داغدۇغىلىق ئېچىلدى

بۈگۈن 13 - ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇلدا 2009 - يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىنىڭ 11 - نۆۋەتلىكى ۋە شەرقىي تۈركسىتان مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ 2 - قېتىملىقىنىڭ ئېچلىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئېچىلدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن باشقا 18 دۆلەتتىن تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئالىملار، جامائەت پىشقەدەملىرى ۋە خەلقىمىز بولۇپ مىڭلارچە كىشى قاتناشتى.

مۇراسىم قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى.

ئارقىدىن ئۆتكەن ئون يىللىق قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى خۇلاسىلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.

كېيىن يىغىننىڭ ئېچىلىشى نۇتقىنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى سۆزلىدى. 

  ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتقىدا 2009-يىلى باشلىغان دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنىنى ئىخچام ھالدا خۇلاسىلەپ ئۆتكەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقىي ۋەزىيەت ئەھۋالىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئومۇمىيۈزلۈك كونترول ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن قولىنى چەتئەلدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنى بۆلۈش ئۈچۈن ئارىغا پىتنە ئۇرۇقى چاچقانلىقىنى، پائالىيەت دائىرىمىزنى چەكلەشكە باشلىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

كېيىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ؛ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدىكى  يېتەكچىلەر ۋە ئاۋانگارتلارنىڭ ئىش- ئىزلىرىنى ئىخچام ھالدا خۇلاسە قىلىپ ئۆتتى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىش- ئىزلىرىدىن ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلدى. شۇنداقلا ھىدايىتۇللا ھاجىمغا يۇقىرى خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن

شەرقىي تۈركىستان دۆلەت گىرىبى قىلىپ ياسالغان ئالتۇن مىدال ۋە تون تەقدىم قىلدى.

 ئارقىدىن زەيتىنىبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يىغىن ئەھلىنى سالاملىدى. شۇنداقلا يىغىنغا

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى رەئىسى مۇستاپا شەنتوپ ۋە باشقا بىر قانچە مىنسىترلار تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى ۋە يىغىننىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈشتى.

  كېيىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللا شاھيار سۆز قىلىپ: بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسلىق نىشانى بىرلىك ئىكەنلىكىنى. ئۇچرىشىشنىڭ قايسى بىر تەشكىلاتقا تەۋە ئەمەس ئىكەنلىكىنى ھەممە كىشى پىكىر- تەكلىپلىرىنى بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

 پروگرامما ئارىلىقلىرىدا پەرزەنتلىرىمىز تەييارلىغان بىر بىرىدىن گۈزەل نومۇرلار يىغىن كەيپىياتىنى تېخىمۇ جۇشقۇن ھالدا تۇتتى.

 

كېيىن ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەردىن

 د ئۇ ق ۋەكىلى پەرھات مۇھەممەدى دولقۇن ئەيساغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ 10 كىشىلىك ھەيئەت بىلەن يىغىنغا ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

  

ئاۋىستىرالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى،  

 ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن ۋەخپى رەئىسى ئۆمەرقۇل،  

  قىرغىزىستان ۋەكىلى نۇرمۇھەممەت ھاجى،  

قازاقىستان ۋەكىلى قەھرىمان غۇجامبەردى،  

 ژورنالىسىت سىراجىدىن ئەزىزى،  

خەلقئارا تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى بۇرھان كاۋۇنجۇ،  

 شىۋىتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ تاشقى ئىشلىرى مەسئۇلى   ئەھمەتتۇرسۇن،

گوللاندىيە ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى رەئىسى ئۇبۇلقاسىم قارىم،

فىنلاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى دوكتور مۇھەممەت ئېلى،

ياپونىيەدىن كەلگەن دوكتۇر قۇتلۇك قادىرى،  

سابىق مىللەت ۋەكىلى دوكتور جالال ئەرباي،

 دوكتور مەمتىمىن ئەلا قاتارلىق ۋەكىللەر ئايرىم ئايرىم سۆز قىلدى ۋە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى خەلقىمىزنىڭ سالاملىرىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەردىن قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

 كېيىن تۈركىيەدە ھەرقايسى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ۋە نەتىجىسى تۈركىيە بىرىنجىسىدىن باشلاپ ئالاھىدە ياخشى نەتىجە قازانغان ئوقۇغۇچىلارغا شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم  كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى تەرىپىدىن ھەدىيە تەقدىم قىلىندى.

پروگرامما ئاخىرىدا پىشقەدەم ئۇستاز نىياز داموللامنىڭ يېتەكچىلىكىدە دۇئالار قىلىندى ۋە جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە يىغىن ئاخىرلاشتى.

يىغىننىڭ داۋامى 17 - ئىيۇلغىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر مۇھىم تېمىلاردا سۆھبەت ۋە مۇنازىرىلەر ئېلىپ بارىدۇ.

 

 

 

 

بۇ خەۋەر 1791 قېتىم كۆرۈلدى
14/07/2019 05:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق