ۋەتەندىن كەلگەن سادا

ۋەتەندىن كەلگەن سادا

23-ماي شەرقىي تۈركىستاندىن ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بىر كىشى ۋەتەننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى ئۇچۇر ئارقىلىق يەتكۈزدى.
ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
«مەن چەتئەلدىكى قېرىنداشلىرىمغا ۋەتەننىڭ ئەھۋالىدىن ئازراق بولسىمۇ ئۇچۇر بېرەي. ئاز بىر قسىم كىشىلەر لاگېردىن چىقىرىلدى. لاگېردىن چىقىرىلغانلار يەنىلا ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىدى. ئۇلار خىتايلارنىڭ زاۋۇتلىرىدا ئىشلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ. ئۇلارغا ھەپتىدە پەقەت ئىككى كۈن ئائىلىسىگە بېرىشقا رۇخسەت بېرىلىدۇ. كۈنلىرىمىزنىڭ ياخشى بولۇپ قېلىشىدىن ئۈمىدىمىزنى ئۈزمەي ياشاۋاتىمىز. ئاللاھ چوقۇم بىزگە مەدەت بېرىدۇ. سەۋر قىلىپ بېشىمىزنى ئىچىمىزگە تىقىپ ئۆتۈۋاتىمىز. بىرەر ئېغىز يۈرىكىمىزدىكىنى سۆزلىگىلى بولمايدۇ. ھەتتا ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىسەكمۇ جازالىنىدىغان ۋەزىيەتكە كېلىپ قالدۇق. كېيىنچە بېشىمىزغا نېمە كۈنلەر كېلىدىغانلىقىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. چەتئەلدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا دەيدىغان ئاخىرقى سۆزۈم: بىز نۇرغۇن پۇرسەتلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق، چارىسىز بولۇپ قالدۇق، سىلەر ئاللاھقا كۆپ شۈكۈر قىلىڭلار، ئاللاھ بەرگەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ساۋابلىق ئىشلارنى كۆپ قىلىڭلار، توختىماي ھەرىكەت قىلىڭلار»

بۇ خەۋەر 1482 قېتىم كۆرۈلدى
24/05/2019 17:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق