خىتاي خوڭكوڭ سودىگەرلىرىگە بېسىم قىلماقتا

خىتاي خوڭكوڭ سودىگەرلىرىگە بېسىم قىلماقتا
نيويورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي خوڭكوڭ سودا-سانائەتچىلىرىگە بېسىم قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان.
خەۋەردە خىتاينىڭ خوڭكوڭنىڭ سودا ئىشلىرى ۋە باشقا ساھەلىرىگە كۈچەپ ئارىلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاسىيانىڭ پۇل-مۇئامىلە مەركىزى بولغان خوڭكوڭنىڭ خىزمەت ۋە سودا ئۇسۇلىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولۇپ قېلىشىنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكى، كەلگۈسىدە ھەرقايسى كەسىپلەرگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاينىڭ بېسىم قىلىشى سەۋەبلىك تايلاند ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدە ئادەم ئالماشتۇرۇش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. بىراق خىتاينىڭ ئاق تېررورلۇق ھەرىكىتى ئاخىرلاشمىغان. ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئاشكارىلىنىشىچە، خوڭكوڭ نامايىشىنى قوللىغان خىزمەتچىلەر ئىشتىن قوغلانغان ياكى خىزمىتى توختىتىلغان. مەزكۇر شىركەتنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى يەنە ئىشچىلارنىڭ خوڭكوڭ نامايىشىنى قوللىغان خىزمەتچىلەرنى پاش قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. تاقىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ قالغان تايلاند ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئاخىرى خىتاينىڭ تەرىپىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولغان.

بۇ خەۋەر 692 قېتىم كۆرۈلدى
13/09/2019 17:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق