ئافغانىستان ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولماقتا

ئافغانىستان ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولماقتا
5-ئۆكتەبىر دوۋېي خەۋەرلىرى تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، كابۇل ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن تالىباننىڭ تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى گىران خىۋاد بەرگەن باياناتىدا ئامېرىكا بىلەن تالىباننىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ قىلىنمىغانلىقى سەۋەبلىك سۆھبەتكە قاتنىشالمىغانلىقىنى، سۆھبەتلەردىكى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئۈنۈمسىز ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئارىسىدا 2018-يىلى دېكابىردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى 5-سېنتەبىردە ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تالىبان ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى، سۆھبەت توختاپ كەتكەندىن كېيىن تالىبان تىنچلىق سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن موسكۋاغا ھەيئەت ئەۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئېغىر خەۋپ دەپ قارايدىغان تالىبان تەشكىلاتى نۆۋەتتە ئافغانىستاننىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا ھۆكۈم سۈرمەكتە. ھۆكۈمەت يېقىنقى يىللاردا ئۇدا بىر قانچە قېتىم تالىبان بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ۋە بۇ ھەقتە تىنچلىق كېڭىشى قۇرغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە بىرەر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن.

بۇ خەۋەر 706 قېتىم كۆرۈلدى
06/11/2019 14:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق