تۈركىيە بىلەن خىتاي بېيجىڭدا ئۇچرىشىدۇ


ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدىكى سىياسىي مۇزاكىرىلەر بېيجىڭدا داۋاملىشىدىكەن.
خەۋەردە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن سەدات ئۆنال باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەتنىڭ بۈگۈن بېيجىڭغا يېتىپ بارغانلىقى، بېيجىڭدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې يۇچىڭ بىلەن كۆرىشىدىغانلىقى، كۆرۈشۈشتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقى يەنە تۈركىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈنسېرى ياخشىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ خەۋەر 767 قېتىم كۆرۈلدى
16/05/2019 17:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق