شەرقىي تۈركىستان خەلقى سۈرگۈن قىلىنماقتا

 

2-ئاپرېل خىتاي خەۋەرلىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشنى كۈچەيتكەن.
خەۋەردە خىتاي ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۈچتۈرپان ناھىيەسىدىن 301 دېھقاننى تىزىملاپ، بىر قىسمىنى ئۈرۈمچىگە، بىر قىسمىنى خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسى شىڭجۇ شەھىرىگە سۈرگۈن قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەرلەردە يەنە ھازىرغىچە ئۈچتۈرپان ناھىيەسىدىن 2417 كىشىنى خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن ئۇچتۈرپاندىن 3000 كىشىنى ئۇزۇن يىلىلىق سۈرگۈن قىلىشنى، 10000 كىشىنى پەسىل خاراكتېرلىق سۈرگۈن قىلىشنى  پىلانلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە يەنە نەچچە كۈن ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلى ئوبلاستى نىلقا ناھىيەسىدىن 144 كىشىنى جىياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ چاڭجۇ شەھىرىدىكى  ۋۇجىن تىيەنيۈن شىركىتىنىڭ لىنياڭ شۆبىسىگە سۈرگۈن قىلغانلىقىنى، نىلقا ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بېرى ئىككى تۈركۈمدە 236 كىشىنى مەزكۇر زاۋۇتقا سۈرگۈن قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

بۇ خەۋەر 10307 قېتىم كۆرۈلدى
03/04/2019 18:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق