خىتاي جىنايەتلىرىنى يېڭى ۋاسىتىلەر بىلەن پەردازلاشقا ئۇرۇنماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ خەلقئارادا كۆزگە كۆرۈنۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن بولۇپ، جۈملىدىن تەنتەربىيەنىڭ ھەرخىل تۈرلىرىدە كۈچىنى نامايەندە قىلغان ئۇيغۇرلارنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن خەلقئارا مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرماي كەلگەنىدى. خىتاي بۇ قېتىم خەلقئارادا كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، يېنىك ئاتلېتىكا ساھەسىدە خىتايلارنىڭ رېكورتىنى بۇزۇۋەتكەن ئەلشىر ئۆمەرنى ئاسىيا ياشلار يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرغان.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 25-ئاپرېل ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي ساقچى كۇلۇبى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2024-يىللىق ئاسىيا ياشلار يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن بولغان ئەلشىر ئۆمەر مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان.

خىتاي ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كەسپىي مەشىق بىلەن شۇغۇللانغىلى تېخى ئىككى يىل بولمىغان ئەلشىر يەنە بىر ئايدىن كېيىن 18 ياشقا كىرىدىغان بولۇپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تالانتقا ئىگە ئىكەن. ئىلمىي ئۇسۇلدا مەشىق قىلىش ۋە تىرىشىپ ئىنتىزامچان بولۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ نەتىجىسى تېز سۈرئەتتە ئۆرلىگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەلشىر خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەرلەرنىڭ 400 مېتىر قىسقا مۇساپىلىك يۈگۈرۈش رېكورتىنى ئىككى قېتىم يېڭىلاپ، «يېنىك ئاتلېتىكا ساھەسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى يېڭى چولپان» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە خەۋەر قىلىشىچە، ئەلشىر ئۆمەر دۇبەيدىكى مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە خىتايدا ئىككى بېكەت يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىكەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقچىلىق سىياسىتى ئىجرا قىلىپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا كەڭ كۆلەملىك، سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىجرا قىلىشقا باشلىغانىدى ۋە جىنايەتلىرىنىڭ خەلقئارادا كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كېلىشى سەۋەبلىك، قاتتىق بېسىم ۋە بىر قىسىم جازالارغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان ئىرقچىلىق سىياسىتى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئەسلىدە خەلقئارا جەمئىيەتتىكى چوڭ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشقا يول قويماي كەلگەن ئۇيغۇر تەنتەربىيە ماھىرلىرىنى چوڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا رۇخسەت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ جياڭسۇ سۇنىڭ پۇتبول كوماندىسى 2020-يىلى 1-ئايدا ئېلان قىلغان ئۇچۇردا كوماندا ئەزالىرىنىڭ قىشلىق چېنىقىش ئۈچۈن دۇبەيگە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر ئۇچۇردا قىشلىق چېنىقىش ئۈچۈن دۇبەيگە بارىدىغان ئەزالارنىڭ تىزىملىكى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، پەقەت ئۇيغۇر پۇتبولچى ئابدۇلھەمىدلا قالدۇرۇپ قويۇلغان. ئۇچۇردا بۇنىڭ ئاتالمىش «يەرلىك رايون سىياسىتى» سەۋەبىدىن ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ گۇاڭدۇڭغا قايتىپ، قىشلىق چېنىقىشنى شۇ يەردە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئۇندىن باشقا، تالانتلىق ئۇيغۇر پۇتبولچى ئىرپان ھېزىم 2018-يىلى 2-ئايدا خىتاي ئۆلكىسىدە توپ ئويناۋاتقان مەزگىلدە جازا لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، كېيىن بۇ ۋەقە خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغانىدى. ئىرپان ھېزىم 2018-يىلى 2-ئايدىن تارتىپ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى دەلىللەنمىگەن.

ئىشغالىيەتچى خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادا كۆزگە كۆرۈنۈپ قېلىشىنىڭ، سىياسىي پاناھلىق تىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىشىغا يول قويماي كەلگەن. بۇندىن بۇرۇن يەنە بىر نەچچە ئۇيغۇر پۇتبولچىنى ئۆز كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە چەت ئەلگە چىقىپ مۇسابىقىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈنلا جازا لاگېرىغا قامىغانلىقى خەلقئارا تاراتقۇلاردا كۆپلەپ خەۋەر قىلىنغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2465 قېتىم كۆرۈلدى
29/04/2024 11:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق