ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى

ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى رەسمىي قۇرۇلغان بولۇپ، 16-ئاپرېل پارلامېنتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە ئۈنۈملۈك قارشى تۇرۇش، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى، ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكى، چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا تېزراق خاتىمە بېرىشكە تىرىشىش مەقسىتىدە، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان.

ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ئېچىلىش سۆزى قىلغان. ئارقىدىن ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك مىككول، پارلامېنت ئەزاسى ۋە ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قوش رەئىسلىرىدىن كىرىس سىمىس، توم سۇزى، ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى نۇري تۈركەل، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى رىشات ئابباس، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بىرىيان جوسېف، خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى سوفى رىچاردسون، كوممۇنىزم قۇربانلىرى فوندىنىڭ رەئىسى بىرەمبېرگ، ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى پىرو توززى قاتارلىقلارسۆز قىلغان.

مۇراسىمغا ئامېرىكىدىكى لاگېر شاھىتلىرى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1405 قېتىم كۆرۈلدى
17/04/2024 14:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق