خىتاي ئامېرىكىغا تەھدىت سالماقتا

خىتاي ئامېرىكىغا تەھدىت سالماقتا

دوۋېي خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى گىڭ شۇاڭ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىش قارارى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قارارىدىن ۋاز كەچمىسە، ئامېرىكىنىڭ بۇ سودىغا چېتىشلىق بارلىق شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
باياناتتا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىش پىلانىدىن بالدۇرراق ۋاز كېچىشى ۋە تەيۋەن ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان بارلىق ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىگە خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىش قارارىدىن ۋاز كەچمىسە، خىتاينىڭ بۇ سودىغا چېتىشلىق بارلىق ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى پىلانلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بىراق ئېمبارگونىڭ قانداق تەرىقىدە بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەيۋەننىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق تەيبېي ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىش بېجىرىش ئورنى بىلەن ئومۇمىي قىممىتى سەككىز مىليارد دوللارلىق 66 دانە «F-16C/D Blok 70» ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە كېرەكلىك ئەسلىھەلىرىنى سېتىپ بېرىش كېلىشىمىنى تەستىقلىغان بولۇپ، بۇ سودىنىڭ تەستىقلانغانلىقى ھەققىدە ئامېرىكا يۇقىرى پالاتاسىغا مەلۇمات بېرىلگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 925 قېتىم كۆرۈلدى
22/08/2019 17:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق