ئەمگەك كۈچىنىڭ ئازىيىشى خىتاينىڭ بېشىنى قاتۇرماقتا

ئەمگەك كۈچىنىڭ ئازىيىشى خىتاينىڭ بېشىنى قاتۇرماقتا

رويتېرس ئاگېنتلىقى ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى ئەمگەك كۈچى بارغانسېرى ئازىيىشقا بولۇپ، خىتاينىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى يوشۇرۇن خەۋپكە ئايلانغان.
ئىقتىساد ئەقىل ئامبىرىنىڭ ئەڭ يېڭى مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ئەمگەك يېشىدىكى (15~64 ياش) نوپۇسى 2030-يىلىغا بارغاندا 2018-يىلىدىكىدىن 70 مىليون ئازلاپ كېتىدىكەن. ئەمگەك كۈچىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى ئۆرلىتىۋېتىدىغان بولۇپ، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بۇ مەسىلىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق ئېشىشىغا توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى 2016-يىلىدىن باشلاپ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۈنۈمى يەنىلا كۆرۈنەرلىك بولمىغان. بۇلتۇر خىتايدىكى يېڭىدىن تۇغۇلۇش نىسبىتىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. ئىقتىساد ئەقىل ئامبىرى يۇقىرىقى مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ، خىتاينىڭ 2020-يىلىغا بارغاندا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تولۇق ئەمەلدىن قالدۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دوكلاتتا يەنە 2030-يىلىغا بارغاندا خىتايدىكى 65 ياشتىن يۇقىرى نوپۇسنىڭ 2018-يىلىدىكى %12.1تىن %17.8كە ئۆرلەيدىغانلىقى مۆلچەرلەرگەن بولۇپ، قېرىلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىشىمۇ خىتاينىڭ يېڭى باش قېتىنچىلىقىغا ئايلىنىدىكەن.

بۇ خەۋەر 909 قېتىم كۆرۈلدى
10/07/2019 14:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق