CECC: غەرب شىركەتلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە داۋاملىق چېتىشلىق بولماقتا

ئامېرىكا خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» يولغا قويۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان، غەرب شىركەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە داۋاملىق چېتىشلىق بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يولغا قويغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن قانۇن-تۈزۈملەر ۋە تەشەببۇسلار خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتالمىغان. ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى 30-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنتتىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، غەرب شىركەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەپتىش، ئاتالمىش ​​«مۇھىت، جەمئىيەت ۋە باشقۇرۇش» ئۆلچىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلىش قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇشقا ۋە ئاقلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە شۇنداقلا مەھسۇلاتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىيالمايدىغان شىركەتلەرنى خىتايدا سودا قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرغان.

ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ (CECC) رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس 30-ئاپرېل كومىتېت تەرىپىدىن ئېچىلغان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا: «شىركەتلەر تەپتىش نامىدا يوشۇرۇش ئارقىلىق، ئىستېمالچىلارنى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنى، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ۋىجدانىنى ئىشەندۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ پاكىز ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنىغا ۋە سودا قانۇنىنىڭ 301-ماددىسىغا خىلاپلىق قىلمىغانلىقىغا قايىل قىلماقچى بولدى» دەپ تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى ماقۇللاپ، 2022-يىلى 6-ئايدىن تارتىپ رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغانىدى ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەشكە تىرىشقانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1455 قېتىم كۆرۈلدى
02/05/2024 12:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق