دوكلات: خىتاي دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنى كۈنسېرى كېڭەيتمەكتە

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش قىلمىشىنى كۈنسېرى كېڭەيتىش ئارقىلىق، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردا قورقۇنچ پەيدا قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ئورگىنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 12-ماي ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي رېجىمى چەت ئەلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگە زەربە بېرىپ، ئوقۇغۇچىلاردا قورقۇنچ كەيپىياتى پەيدا قىلغان. قىسمەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي رېجىمى ئۇلارنىڭ يۇرتتا قالغان ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا پاراكەندىچىلىك سالغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا 2018-يىلدىن 2023-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا غەربىي ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدىكى سەككىز دۆلەتتىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان 32 خىتاي ئوقۇغۇچى بىلەن قىلغان سۆھبەت نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ سىياسىي پائالىيەتلەرگە بولغان چەكلىمىسى، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش شەكلىنى بارغانسېرى كېڭەيتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان .

زىيارەتنى قوبۇل قىلغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندىن كېيىن، خىتايدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى كۆپ قېتىم تەھدىتكە ئۇچرىغان.

دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ پاسپورتىنى بىكار قىلغان ۋە ئۇلارنى ئىشتىن قوغلىغان، ئۇلارنىڭ پېنسىيە تەمىناتىنى بەرمىگەن، ھەتتا ئۇلارنىڭ شەخسىي ئەركىنلىكىنى چەكلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1299 قېتىم كۆرۈلدى
14/05/2024 12:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق