تۈركىيەدىن شەرقىي تۈركىستانغا تەكشۈرۈش ھەيئىتى يولغا چىقىدۇ

تۈركىيەدىن شەرقىي تۈركىستانغا تەكشۈرۈش ھەيئىتى يولغا چىقىدۇ

ئۇزۇندىن بۇيان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدە بولۇپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانغا تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتىش ئىشى ئاخىرقى باسقۇچقا كەلدى.

شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىۋاتقان باستۇرۇشلارنى نەق مەيداندا كۈزىتىش ئۈچۈن ماڭىدىغان ھەيئەتكە يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەب تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەلىماتى بىلەن بۈگۈن ئىستانبۇل ئىچىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئىستانبۇل ئىجتىمائى تەشكىلاتلار مۇدىرلىقىغا چاقىرتىلدى.

سۆھبەتتە ھەرقايسى تەشكىلات ۋەكىللىرى ھەرخىل تەكلىپ - پىكىرلەردە بولدى ۋە ھەيئەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى ھەققىدە پىكىر بىلدۈرۈشتى.

بۇ خەۋەر 1244 قېتىم كۆرۈلدى
14/11/2019 16:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق