تالىبانلار كېلەر ھەپتە خىتايدا تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ

تالىبانلار كېلەر ھەپتە خىتايدا تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىبان رەھبەرلىرىنىڭ كېلەر ھەپتە خىتايغا بېرىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك تىنچلىق سۆھبىتىنى باشلايدىغانلىقى ئاشكارىلغان.
تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى سۇھەيل شاھىن سەيشەنبە بايانات ئېلان قىلىپ، كېلەر ھەپتە خىتايدا ئافغانىستان ئىچكى تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، بۇ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ ئافغانىستاننىڭ 18 يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تىنچلىق سۆھبىتى 28- ۋە 29-ئۆكتەبىر كۈنلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ تالىبان ۋەكىللىرى ۋە ئافغانىستاننىڭ ھەرساھە زاتلىرىنىڭ 7-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن دوھادىكى ئۇچرىشىشىدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق قايتا سۆھبەتلىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
تالىبان تەرەپ ھازىرغىچە ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكىنىڭ «قورچاق ھۆكۈمىتى» دەپ قاراپ ئەيىبلەپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن. بۇ قېتىممۇ ئافغانىستان ۋەكىللىرىنىڭ پەقەت شەخسىي سالاھىيىتى بىلەن سۆھبەتكە قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
تالىبانلار ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ يىل 9-ئايدا يۈز بەرگەن كابۇلدىكى پارتلاش ۋەقەسى سەۋەبلىك تىرامپ كېلىشىمنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى جاكارلىغان. نۆۋەتتە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستان بىلەن چېگرىداش كەلگەن ئافغانىستان تەرەپتىن ئىزچىل ئەندىشە قىلىپ كەلگەن بولۇپ، تالىبانلار بىلەن ئىزچىل قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەن. تالىبان تەرەپمۇ ئالدىنقى ئايدا ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبىتى بۇزۇلغاندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا بېيجىڭغا ۋەكىللىرىنى ئەۋەتكەن. خىتاينىڭ بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تېررورچى ئاتالغان تەشكىلاتلارغا باغلاپ، ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ تەشكىلاتلار بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇشى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

بۇ خەۋەر 972 قېتىم كۆرۈلدى
25/10/2019 14:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق