خىتاينىڭ دۇنياغا كېڭەيتىۋاتقان كۆزىتىش سىستېمىسى ئەندىشە قوزغىماقتا

خىتاينىڭ دۇنياغا كېڭەيتىۋاتقان كۆزىتىش سىستېمىسى ئەندىشە قوزغىماقتا
س ن ب س تورىنىڭ 8-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان مۇلاھىزە ماقالىسىدە خىتاينىڭ كۈنسېرى كېڭىيىۋاتقان كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلەرنى ۋە دېموكراتچى زاتلارنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ماقالىدە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كۆزىتىش سىستېمىسى، چىراي تونۇش تېخنىكىسى قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتايدىكى ھەرقايسى جايلىرىدا ئومۇملىشىۋاتقانلىقى، ھازىر بۇ ئەھۋالنىڭ چەتئەلگىمۇ كېڭىيىۋاتقانلىقى، مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ كۆزىتىش سىستېمىسىنى ئىشلەتكەن دۆلەتلەردىكى ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرىگە يوللىنىش ۋە كومپارتىيەنىڭ ئۆز تەسىر دائىرىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئېھتىماللىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاينىڭ خۇاۋېي، داخۇا، ZTE قاتارلىق شىركەتلىرى ھازىرغىچە 63 دۆلەتنى سۈنئىي ئىدراكلىق كۆزىتىش تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 36 دۆلەت خىتاينىڭ بىر بەلباغ، بىر يول پىلانىغا ئەزا بولغان دۆلەتلەر ئىكەن. ئۇندىن باشقا ياۋروپادىكى گېرمانىيە، ئىسپانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ يۇقىرىقى 63 دۆلەت قاتارىدىن ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئەھۋالنىڭ خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، گەرچە مەزكۇر دۆلەتلەر بۇ تېخنىكىلارنى پايدىلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خۇاۋېيغا ئوخشاش مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يىغىلغان ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ بېيجىڭغا يوللىنىپ، خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن خالىغان مەقسەتتە ئىشلىتىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
چىراي تونۇش تېخنىكىسى خەلقئارادا ئىزچىل قارشىلىققا ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق دەپ قارالغان. ئالدىنقى ئايدا ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتى ساقچىلارنىڭ خىزمەت جەريانىدا چىراي تونۇش يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىشىنى ۋاقىتلىق چەكلىگەن.

بۇ خەۋەر 723 قېتىم كۆرۈلدى
10/10/2019 15:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق