تۈركىيە خىتاي ساياھەتچىلىرىنى جەلب قىلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلماقچى؟

تۈركىيە خىتاي ساياھەتچىلىرىنى جەلب قىلىش  ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلماقچى؟

تۈركىيە كۈلتۈر ۋە ساياھەت مىنستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي خىتاي ساياھەتچىلىرى ئۈچۈن تۆت يېڭى خىزمەتنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۇرى ئەرسوي خىتاي ساياھەتچىلەرنى تۈركىيەگە جەلىپ قىلىش ئۈچۈن تۆت يېڭى خىزمەتنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنۇلارنى ئاشكارىلىغان:

 9-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن باشلاپ تۈركىيەنىڭ كاپادوكيا(Kapadokya)غا ئوخشاش ساياھەت رايونلىرىغا خىتايچە يول كۆرسەتكۈچلەر چاپلىنىدۇ، خىتاي ئاشخانىلىرى كۆپەيتىلىدۇ، خىتاي ساياھەتچىلىرىگە قۇلايلىق پۇل چىقىم قىلىش سىستېمىسى ياساپ چىقىلىدۇ. خىتاي تەرەپنىڭ تەلەپلىرى بۇيىچە ساياھەتكە ئالاقىدار خىزمەت ئورۇنلىرىدا خىتايچە بىلىدىغان خىزمەتچىلەر كۆپەيتىلىدۇ.

ئەرسوي سۆزىدە يەنە، خىتاي تىلىنىڭ تۈرك مەكتەپلىرىدە تىل دەرىسلىكىگە رەسمىي كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

 بۇ خەۋەرنى 19- ئاۋغۇست مىللىيەت گېزىتى ئېلان قىلغان بۇلۇپ، ئىسىتانبۇلدىكى بېكەتلەرنىڭ ئسىمىنىڭ خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشى ئالدىنقى ئايدا خىتاي تەرەپ بىلەن تۈركىيە ساياھەت مىسنىستىرلىقىنىڭ كېلىشىمىگە ئاساسەن يولغا قويۇلغان.

مەلۇم بولىشىچە، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەدە يەنە، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ بانكىلىرىدىن بىرى بولغان سودا سانائەت بانكىسى( ICBC  ) دىن بىر ھەيئەت تۈركىيە باش مىنىستىرلىقى مالىيە ئىشخانىسى گوكسەل ئاشام بىلەن تۈركىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ھەققىدە سۆھبەت ئىلىپ بارماقتا ئىكەن.

مەنبە:http://www.milliyet.com.tr/yazarlar/abdullah-karakus/cinli-turist-icin-4-yeni-proje-6036620

بۇ خەۋەر 631 قېتىم كۆرۈلدى
08/10/2019 16:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق