خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش مەقسىتىگە يېتەلەمدۇ؟


خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈن 18-مارت «شىنجاڭنىڭ تېرورلۇق، ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى» ماۋزۇلۇق ئاق تاشلىق كىتاب تارقاتتى. 
ئاتالمىش «ئاق تاشلىق كىتاب»تا جازا لاگېرلىرىدىكى بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۈچ خىل ئەھۋالغا ئاساسەن ياكى گۇمان بىلەن قامالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان:
1. پەقەت قەلبىدە دىنغا قايىللىقى بار، جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن، ئەمما «جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قالارمۇ؟» دەپ ئەندىشە قىلىنغانلار. 
2. خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە ئەمەلىي تەھدىت شەكىللەندۈرمىگەن، ئەمما ناھەقچىلىققا نارازلىق بىلدۈرۈشى مۇمكىن، دەپ قارالغانلار ۋە قورقىتىپ قويسا تۆۋە قىلىدىغانلار. 
3. زوراۋانلىق، تېرورلۇق بىلەن جازالىنىپ قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بىراق جەمئىيەتكە خەتىرى بار دەپ قارالغانلار. 
كۆزەتچىلەر خىتاينىڭ بۇ ئاتالمىش «ئاق تاشلىق كىتاب»ىنى تۈركىيە، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ھەم ب م ت نىڭ لاگېر مەسىلىسدە خىتاينى ئەيىبلىشىگە قىلىنغان قايتۇرما ھۇجۇم ، خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قىلغان ھەرىكىتى، دېيشمەكتە.

بۇ خەۋەر 10286 قېتىم كۆرۈلدى
19/03/2019 16:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق