قىرغىزىستاندىكى خىتاي شىركەتلىرى بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلماقتا

قىرغىزىستاندىكى خىتاي شىركەتلىرى بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلماقتا

رۇسىيە SNG تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قىرغىزىستاندىكى خىتاي شىركەتلىرى بىلەن يەرلىك خەلقنىڭ توقۇنۇشىنىڭ كۆچىيىشىگە ئەگىشىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىدىن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قىرغىزىستاندىكى پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىچە ئەگىشىپ، خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ كۆپلەپ ئېقىپ كىرىشى ۋە مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن. بۇ ئاينىڭ بېشىدا يۈزلىگەن يەرلىك خەلق خىتاينىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى مەلۇم كانغا بېسىپ كىرىپ، ئەسلىھەلەرنى چېقىپ تاشلىغان ۋە خىتاي ئىشچىلارنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان.
بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇ ھەقتە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر قىرغىزىستان ساقچىلىرىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆز خەلقىگە ئالدىراپ قورال كۈچى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇتەخەسسىسلەر يەنە خىتاينىڭ ئامانلىق قوغداش شىركەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما قىرغىزىستان ھۆكۈمتىنىڭ بۇنىڭغا ئالدىراپ قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 814 قېتىم كۆرۈلدى
26/08/2019 13:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق