سۇ ئاپىتى خىتاينى ھالسىراتماقتا

سۇ ئاپىتى خىتاينى ھالسىراتماقتا
خىتايدا ئىيۇل ۋە ئاۋغۇست ئايلىرىدىكى شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 200 كىشى ئۆلگەن.
21-ئاۋغۇست خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئىزدەپ قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى مۇشۇ ئىككى ئاي ئىچىدىكى شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن سۇ ئاپتىدە 63 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، 200 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
ئىزدەپ قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ئىيۇل ئېيىدىلا خىتاينىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرىدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى، ئاپەتتە 154 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 31 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، بىر مىليون 300 مىڭ كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ، يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خىتاينىڭ ئىزدەپ قۇتقۇزۇش ئەترىتى يەنە ئاۋغۇست ئېيى كىرگەندىن بۇيان سۇ ئاپىتىدە ئەڭ ئاز دېگەندە 46 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 34 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
خىتاينىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ يىل ياز كىرگەندىن بېرى شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن سۇ ئاپەتلىرىدە 19 مىليون 910 مىڭ كىشىنىڭ بىۋاسىتە زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 684 قېتىم كۆرۈلدى
22/08/2019 17:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق