ئىستانبۇلدىكى يەرلىك سايلام قايتا ئۆتكۈزۈلىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 7-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشچە، 6-ماي تۈركىيە ئالىي سايلام كومىتېتى ئىستانبۇلنىڭ يەرلىك سايلىمنىڭ قايتا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى سايلامدا تۈرلۈك قانۇنسىز قىلمىشلارنىڭ سادىر قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىستانبۇلدىكى سايلامنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قايتىدىن ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلىپ، ئالىي سايلام كومىتېتىغا ئالاھىدە ئېتىراز ئىلتىماسى سۇنغان بولۇپ، ئالىي سايلام كومىتېتى ئېتىرازلارغا قاراپ چىقىپ، تۆتكە قارشى يەتتە ئاۋاز بىلەن ئىستانبۇلدىكى سايلامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قايتىدىن ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە يەنە ئالى سايلام كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى نامزاتى ئەكرەم ئىمامئوغلۇنى شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقلىقىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدىكى قارارىنىمۇ ئېلان قىلغان.
ئالىي سايلام كومىتېتى ئىستانبۇل يەرلىك سايلىمىنىڭ 23-ئىيۇن (يەكشەنبە) قايتىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
 خەۋەردە يەنە ئالى سايلام كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى نامزاتى ئەكرەم ئىمامئوغلۇنى شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقلىقىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدىكى قارارىنىمۇ ئېلان قىلغان.

بۇ خەۋەر 4751 قېتىم كۆرۈلدى
07/05/2019 12:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق