نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ پائالىيىتى جانلانماقتا

نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ پائالىيىتى جانلانماقتا

2-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى ئۈسكۈداردا يېتىملەرگە ياردەم توپلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
پائالىيەتتىن بۇرۇن تۈركلەرنىڭ ساخاۋەت جەمئىيەتلىرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان زاتلار، ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئىچىدىكى ئاكتىپ دەۋاچىلارغا 200 دىن ئارتۇق باغاق تارقىتىلدى.
پائالىيەت پاراخوتتا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پاراخوتتا نۇزۇگۇم جەمئىيىتى كېپىل بولغان يېتىم پەرزەنتلەرگە ياردەم توپلاپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىش مەقسىتىدە بېلەت سېتىلدى. ناشتىلىقتىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىپ يوقىتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىلەر خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك ۋەيران بولۇشقا باشلىغانلىقى تونۇشتۇرۇلدى.
پائالىيەت قىزغىن كەيپيات ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغانلار پائالىيەتتىن مەمنۇن بولغانلىقىنى، بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى دائىم ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.
نۇزۇگۇم جەمئىيىتى يەنە 28-سېنتەبىر ئۆزى كېپىل بولۇپ بېقىپ تەربىيەلەۋاتقان يېتىم بالىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئىككى ئاپتۇبۇستا بەيكوزغا ئېلىپ چىقتى. پائالىيەتتە بالىلارنىڭ ئىجتىمائي پائالىيەت ئېڭى ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت ئېڭىنى كۈچلەندۈرۈش مەقسىتىدە توپ مۇسابىقىسى، ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

بۇ خەۋەر 1326 قېتىم كۆرۈلدى
04/10/2019 17:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق