خىتاي كۆز بويامچىلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي كۆز بويامچىلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا

يەرشارى ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئالدىنقى يىللارغا ئوخشاشلا خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈن 23-ئىيۇل شەرقىي تۈركىستاندىن ھەج ئۆمىكى تەشكىللەپ، مەككىگە يولغا سالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە دۇنيا جامائەتچىلىكى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، خەلقئارادا قاتتىق بەس-مۇنازىرىگە ئايلانغان، خىتاي خەلقئارادا ئوسال ئەھۋالغان چۈشۈپ قالغان بىر پەيتكە ئۇدۇل كەلگەن ھەج مەزگىلىدە خىتاي قايتىدىن جانلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش تەدبىرىنى قايتا ئىشقا سېلىشقا باشلىغان.
شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاجىلارنى كۆزىتپ ماڭغان ڧېڭ ڧامىلىلىك خىتاي بىلەن ئەبەيدۇللاھ ئىسىملىك كىشى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدىن ھەر يىلى ئون مىڭغا يېقىن مۇسۇلماننىڭ ھەجگە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن قانچىلىك ھاجىنىڭ يول چىققانلىقىنى تىلغا ئالمىغانلىقى، خەۋەردە تارقالغان سۈرەتلەردىكى ئەر ھاجىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر دوپپىسى، ئاياللارنىڭ بىر تۇتاش ئەتلەس كۆينەك كىيگەنلىكى، سومكىلىرىنىڭ بىر خىل رەڭدە ئىكەنلىكى، چىرايىدىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەمەس، تۇڭگانلىقى چىقىپ تۇرىدىغانلىقى قاتارلىق نۇقتىلار كىشىلەرنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بارلىق دىنىي ئەھكاملارنى چەكلەپ، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، تۇڭگانلارنىمۇ ئۇيغۇرچە ياساندۇرۇپ، خەلقئاراغا «ئۇيغۇرلارغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىۋاتىمىز» دەپ ساختىلىق قىلىشى بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئالدامچىلىقىنى كۆرستىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ۋاسىتە تاللىماي، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل پىلانىنى كۆرستىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

بۇ خەۋەر 1529 قېتىم كۆرۈلدى
02/08/2019 16:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق