خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش قايسى جىنايەت تۈرىگە كىرىدۇ؟


تەيۋەن س ن ئا (CNA) ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن پارلامېنتى ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى قاتارىغا كىرگۈزگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەيۋەن پارلامېنتى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتىگە ئالاقىدار بولغان «دۈشمەن دۆلەت بىلەن مەخپىي ھەمكارلىشىش» دېگەن ماددىغا «خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمىن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىرى بىلەن مەخپىي ھەمكارلىشىش» دېگەن مەزمۇننى قوشقان.
خەۋەردە يەنە تەيۋەن ئاساسىي قانۇنىدا خىتاينىڭ «چەت دۆلەت» سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلار بىلەن بىرلىكتە «دۈشمەن دۆلەت» دەپ قارىلىدىغانلىقى، قانۇننى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئېنىقسىزلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان ھەرقانداق شەخس ۋە گۇرۇھلارغا قارىتا سوت ئېچىشقا يول ئېچىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 6860 قېتىم كۆرۈلدى
09/05/2019 19:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق