ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلەيد شەھىرىدە ئۇيغۇر كۈلتۈرى تونۇشتۇرۇلدى

ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلەيد شەھىرىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار مەخسۇس روزا ھېيتلىق پائالىيەت تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر كۈلتۈرى تونۇشتۇرۇلدى.

ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلەيد شەھىرىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار تەشكىللىگەن روزا ھېيت پائالىيىتى 27-، 28-ئاپرېل كۈنلىرى ئىككى كۈن داۋام قىلغان. بۇ پائالىيەتنى شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتى دەپ بىلگەن شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى پائالىيەت مەيدانىدىن «شەرقىي تۈركىستان» نامىدا مەخسۇس ئورۇن ئالغان.

مەزكۇر ئورۇنغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى، شەرقىي تۈركىستان خەرىتىسى تىزىلىپ، زىيارەتچىلەرگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، جۈملىدىن خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى تونۇشتۇرۇلغاندىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل پاسوندىكى دوپپىلىرى، ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ئەتلەس كىيىملىرى، تۈرلۈك ئۆي جابدۇقلىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلار تىزىلىپ، ئۇيغۇر كۈلتۈرى نامايان قىلىنغان.

شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇستافا تۇران بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پائالىيەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پائالىيەت رايوندا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان چوڭ كۆلەملىك پائالىيىتى بولۇپ، 20 مىڭغا يېقىن ئادەم قاتناشقان. پائالىيەت ئۈستى يېپىق ۋە ئۈستى ئوچۇق زاللاردا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، زالنىڭ تېشىدا ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆزىنىڭ تاماقلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ساتقان. پائالىيەت مەيدانىدا بالىلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنچۇقلار بولغاندىن باشقا، تۆگە مىنىش، تاغقا يامىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن. ئۈستى يېپىق ئورۇندا بولسا يۇرتلىرىدا زۇلۇمغا ئۇچرىغان ھەرقايسى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ مەخسۇس دۇكانلىرى بار بولۇپ، مىللىي كىيىم-كېچەكلىرى تونۇشتۇرۇلۇپ سېتىلغان. بۇ قاتاردا ئۇيغۇرلارغا تەسىس قىلىنغان ئىككى دۇكان بولۇپ، بۇ دۇكاندا زىيارەتكە كەلگەن مۇسۇلمانلارغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈلتۈرى تونۇشتۇرۇلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2147 قېتىم كۆرۈلدى
29/04/2024 12:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق