تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ زىيارىتى داۋام قىلماقتا

تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ زىيارىتى داۋام قىلماقتا
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ھەيئەت 24-سېنتەبىر كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىغا يېتىپ بېرىپ زىيارىتىنى باشلىدى.
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2019-2020-يىللىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش داۋامىدا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى. شۇنداقلا ھازىرغا قەدەر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئەلاچى بولغان، ئوقۇشتا ئالدىدا ماڭغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن خاتىرە بۇيۇم ۋە تەقدىرنامە تارقىتىپ بەردى.
يىغىلىشتا يەنە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە تۈرك ئىسلام دۇنياسى» تېمىسدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى. ھەيئەت كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش بۆلۈمى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى بۆلۈم مۇدىرى بىلەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە پىكىرلەشتى.
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى چۈشتىن كېيىن يەنە كاستامونۇدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇش ئەھۋالى، ئوقۇش داۋامىدا قىيىنچىلىقلارنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىدى.
ھەيئەت يەنە «دەۋا ۋە دەۋاچى بولۇش» تېمىسدا سۆز قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا شەرقىي تۈركىستان دەۋاچىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك سۈپەتلەر، دەۋانى قانداق ئۇسۇلدا قىلىش ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

بۇ خەۋەر 1135 قېتىم كۆرۈلدى
25/09/2019 13:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق