تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ زىيارىتى داۋام قىلماقتا

تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ زىيارىتى داۋام قىلماقتا
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخاننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت 21- سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن يېڭى قۇرۇلغان ساتۇق بۇراخان ئىلىم ۋە مەدىنيەت ۋەقپىنىڭ كونيا شۆبىسى ۋە شەرقىي تۈركسىتان مۇھاجىرلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى.
مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان بىلەن سوتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقپى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا « شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە تەشكىلاتچىلىق » تېمىسىدا سۆز قىلدى.
ھەيئەتنىڭ بۈگۈنكى بېكىتى قەھرىمان ماراش ۋىلايىتى بولۇپ، قەھرىمان ماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى باش مۇدىرى پروفېسسور نىيازى جان ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن ئالپ ئارسلان ئالقىش، دوكتور ئالىمجان بۇغدا قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلدى.
ھەيئەت ئارقىدىن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن جەم بولدى ۋە ئۇلارنىڭ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلىرىنى ئاڭلىدى. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا ياشلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ رولىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

 

بۇ خەۋەر 1566 قېتىم كۆرۈلدى
23/09/2019 14:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق