خوڭكوڭ خەلقىنىڭ نارازىلىق نامايىشى داۋاملاشماقتا

خوڭكوڭ خەلقىنىڭ نارازىلىق نامايىشى داۋاملاشماقتا

ب ب س تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭ خەلقى داۋاملىق كوچىغا چىقىپ، «قاچقۇنلارنى قايتۇرۇش قانۇنى»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
خوڭكوڭ كوچىلىرىدا سەلدەك ئاققان نامايىشچىلار خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونى مىنىستىرى لىن دىڭيۆنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشىنى، ئالدىنقى كۈنلىرى تۇتقۇن قىلىنغان نامايىشچىلارنى قويۇپ بېرىشنى، «قاچقۇنلارنى قايتۇرۇش قانۇنى»نى تولۇق ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشچىلارنىڭ سانى ئىككى مىليونغا يېقىنلاشقان بولۇپ، ھازىرغىچە خىتاينىڭ تانكا، بىرونېۋنىك، ئارمىيەلىرى كارغا كەلمىگەن. نامايىشچىلارنى «دوزاختا ياشاشقا رازىمىزكى، چوڭ قۇرۇقلۇقتا مەھبۇس بولمايمىز»دېگەن پىلاكاتلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.


خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گىڭشۇاڭ مۇخبىرلارغا: «خوڭكوڭدا يەتتە مىليون كىشى بار. ئىككى مىليون كىشى نامايىشقا قاتناشقان بولسا، يەنە بەش مىليون كىشى قاتناشمىدى دېگەن گەپ. دېمەك بەش مىليون كىشى قانۇن ئۆگەزتىشنى خالايدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.

 

 

بۇ خەۋەر 5403 قېتىم كۆرۈلدى
17/06/2019 12:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق