باننون: تىرامپ سودا ئۇرۇشىدا قىلچىمۇ چېكىنمەيدۇ


باننون: تىرامپ سودا ئۇرۇشىدا قىلچىمۇ چېكىنمەيدۇ
يېڭى تاڭلىقلار تېلېۋىزىيەسى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاقساراينىڭ سابىق باش ئىستراتېگىيە مەسلىھەتچىسى سىتىفېن باننون 24-ماي قازاقىستاندا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىدا پىرېزىدېنت تىرامپنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى، بۇ قېتىملىق ئۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئەزەلدىن بېرى غەرب دۇنياسىغا قارشى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىقتىسادىي ئۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «مەنچە تىرامپ بۇ قېتىم بىر سېكۇنتمۇ كەينىگە چېكىنمەيدۇ. چۈنكى بۇ قېتىملىق سودا ئۇرۇشى خىتاي ئىقتىسادىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتى بىلەن دۇنيا سودا تۈزۈلمىسى بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي زىت، ھەرگىزمۇ بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.»
بۇ ئاينىڭ بېشىدا باننون مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن ئىدى: «ئامېرىكا 1989-يىلى بىر پاي ئوق چىقارماي سوۋېت ئىتتىپاقىنى پارچىلىۋەتكەن ئىدى، خىتاي خەلقىنى قۇل قىلىۋاتقان ھاكىم مۇتلەقلەرمۇ ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭ قارىشىمدا، ھازىر غەرب دۇنياسى پات ئارىدا ھالاك بولۇش ئالدىدا تۇرغان بىر تۈزۈلمىگە شاھىت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. بارلىق ھاكىم مۇتلەقلەر، خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى بارلىق نەرسىلەر ھالاك بولىدۇ. بىز پات يېقىندا خىتايدا قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ۋە دېموكراتىيەلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرۈلەيمىز».

بۇ خەۋەر 1208 قېتىم كۆرۈلدى
30/05/2019 18:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق