خىتاينىڭ نېپالدىكى مۇستەملىكى پىلانى: يۈز نەپەر خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى نېپالغا ئەۋەتىلىدۇ

خىتاينىڭ نېپالدىكى مۇستەملىكى پىلانى: يۈز نەپەر خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى نېپالغا ئەۋەتىلىدۇ

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ 19-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ نېپالغا بىر تۈركۈم خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسىنى ئەۋەتىش پىلانى نېپال خەلقىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان.
مەزكۇر پىلان شى جىنپىڭنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى نېپال زىيارىتى بىلەن تەڭ تاراتقۇلارغا ئاشكارىلانغان بولۇپ، يۈز نەپەر خىتاي ئوقۇتقۇچىسىنىڭ نېپالدىكى دۆلەت مەكتەپلىرىگە خىتاي تىلى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئەۋەتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاينىڭ بۇ پىلانى نېپال خەلقىنى ۋە خەلقئارادىكى تەتقىقاتچىلارنى ئەندىشىگە سالغان.
ھازىرغىچە نېپالدىكى 80دىن ئارتۇق دۆلەت مەكتەپلىرى ۋە خۇسۇسىي مەكتەپلەردە خىتاي تىلى ئۆتۈلۈۋتقان بولۇپ، بەزى خۇسۇسىي مەكتەپلەردە خىتاي تىلى چوقۇم ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇندىن باشقا نېپال ھۆكۈمىتى ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇش ياردەم پۇلى ئارقىلىق خىتايغا بېرىپ ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇۋاتقان بولۇپ، 2017-يىلىلا ئالتە مىڭدىن ئارتۇق نېپاللىق ئوقۇغۇچى خىتايغا بىلىم ئاشۇرۇشقا بارغان.
تەتقىقاتچىلار بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ بۇ پىلانىنىڭ ئەمەلىيەتتە نېپالنى مۇستەملىكە قىلىش پىلانىنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ھىندىستان بىلەن مەدەنىيەت ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئالاقىسى قويۇق بولغان بۇ دۆلەتتىكى ھىندىستاننىڭ تەسىرىنى يوقىتىشنىڭمۇ پىلان دائىرىسىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە كۆرسىتىلىشىچە، نېپال بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، نېپالدىكى تىبەت مۇستەقىلچى كۈچلىرىمۇ خەتەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا «ئەركىن تىبەت» دەپ خەت يېزىلغان مايكىلارنى كىيگەن ۋە بۇ كىيىمنى ساتقان 20 گە يېقىن كىشى تۈرمىگە تاشلانغان.

بۇ خەۋەر 541 قېتىم كۆرۈلدى
21/10/2019 20:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق