ھىندىستاننىڭ كەشمىردىكى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى خىتاي ئۆگەتتىمۇ؟

ھىندىستاننىڭ كەشمىردىكى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى خىتاي ئۆگەتتىمۇ؟

دۆلەت تورىنىڭ (The Nation) تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە ھىندىستاننىڭ كەشمىردىكى باشقۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ بارغانسېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىلمىشلىرىغا ئوخشاپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
يېقىندا ھىندىستان ھۆكۈمىتى كەشمىر رايونىغا بولغان تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقىنى تۇيۇقسىز ئېلان قىلغاندىن كېيىن، كەشمىر خەلقىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۆزلىرىنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كەشمىردىكى تور ۋە تېلېفون ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋەتكەن. ھازىرغىچە بۇنىڭ قاچان ئەسلىگە كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.
ئانالىزچىلار ھىندىستاننىڭ بۇ تەدبىرىنىڭ 2009-يىلى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تور ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋەتكىنىگە ئوخشايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا «ئەجەبا بۇ تەدبىرنى خىتاي دائىرىلىرى ئۆگەتتىمۇ؟» دەپ سوئال قويۇشقان.
كەشمىر بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالى كۆپ جەھەتتىن ئوخشايدىغان بولۇپ، كەشمىر 1947-يىلى ھىندىستاننىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن، خۇددى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئوخشاشلا مۇسۇلمان خەلق بولۇپ، غەيرىي مۇسۇلمان ھاكىمىيەت تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ كەلگەن. ئۇندىن باشقا ھىندىستان دائىرىلىرىمۇ خىتاي دائىرىلىرىگە ئوخشاش ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ تارقىلىشىغا قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتكەن. ئۇندىن باشقا ھىندىستانلىق ئەرلەرنىڭ كەشمىرلىك مۇسۇلمان ئاياللار بىلەن توي قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرمۇ كۆپىيىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋالمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلارغا مەجبۇرىي ياتلىق قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئەسلەتكەن.
خەۋەردە يەنە كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ كۆزىتىش سىستېمىسىنى كۆپلەپ كىرگۈزگەن بولۇپ، ئاساسلىقى كەشمىر رايونىغا ئورۇنلاشتۇرغان. مەسچىتلەر ئاساسلىق كۆزىتىش ئوبيېكتى قىلىنغان.
كۆزەتكۈچىلەر كەشمىر رايونىنىڭ ھازىرچە شەرقىي تۈركىستاندەك ئېغىر ئەھۋالدا بولمىسىمۇ، ئەمما شۇ ۋەزىيەتكە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 574 قېتىم كۆرۈلدى
17/10/2019 15:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق