شەرقىي تۈركىستان ھەيئىتى قاتاردا زىيارەتتە بولماقتا

 

ئۆز خەۋىرىمىز، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئىسلام دۇنياسىدا كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ قېتىم قاتاردا زىيارەت باشلىدى.

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئىلگىرىكى مالايسىيا ۋە ھىندونوزىيە زىيارەتلىرىنىڭ ئارقىسىدىن بۇ قېتىم پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە زىيارەت باشلىدى.

ھەيئەت بىر قاتار پائالىيەتلەردىن كېيىن بۈگۈن تۇنجى بولۇپ، قاتارنىڭ ئالدىنقى قاتاردا كەلگەن  ئىستراتېگىيە مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئەلجەزىرە تەتقىقات مەركىزىنى زىيارەت قىلدى ۋە مەسئۇللار بىلەن خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ رىئاللىقى ھەققىدە سۆھبەتتە بولدى، شۇنداقلا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

بۇ خەۋەر 1397 قېتىم كۆرۈلدى
21/03/2019 18:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق