ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان: شەرقىي تۈركىستان خەلقى قىرغىن قىلىنماقتا

ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان: شەرقىي تۈركىستان خەلقى قىرغىن قىلىنماقتا

23-ئىيۇن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان «ئاكت گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ» دېدى.
مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى قايسىلار؟»، «خەلقئارا جەمئىيەت شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە بىلىشكە تېگىشلىك ئەھۋاللار قايسىلار؟»، «لاگېردىكى تۇتقۇنلار قانداق مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتىدۇ؟»، «خىتاي ئىسلامغا قانداق دۈشمەنلىكلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟» دېگەن سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش ئەھۋالى قاتتىق ئېغىرلاشتى. ھەتتا بىر رايوندىكى خەلق باشقا بىر رايوندىكى ياكى باشقا بىر كەنتتىكى تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغاندا، خىتاي دائىرىلىرىدىن رۇخسەت سوراپ، رۇخسەت بېرىلسە ئاندىن بارالايدۇ. خىتاي ئىرقىي ئايرىمىچلىق قىلىپ، ئۆز خەلقىگە باشقا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە باشقا مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بارلىق ئىبادەتلىرىنى چەكلىدى، دىنغا ئېتىقاد قىلىشىغا چەكلىمە قويدى، ھەتتا دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىماقتا. جازا لاگېرىغا قامالغانلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئىگە-چاقىسىز قېلىپ، بىر قسىمى خىتاي تەرىپىدىن بالىلار لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلىپ، تىراگېدىيەلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقى قىرغىن قىلىنىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقى 1864-يىلى سۇلتان ئابدۇلھەمىدخانغا بەيئەت قىلغان. ھازىرقى تۈركىيە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقلارغا سۈكۈت قىلدى. خىتاي تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشى قىلىپ تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، تۈرلۈك ئورگان ۋە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىغا پۇل خەجلەشكە باشلىدى ۋە بۇلارنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈۋاتىدۇ».
ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان مۇخبىرنىڭ «تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «تۈركىيەدە 50 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر بار. 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر كىملىك ۋە تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈشتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىماقتا. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كەلگەن قىينىچىلىقلىرىدىن يەنە بىرى داۋالىنىش، ئوقۇ-ئوقۇتۇش مەسىلىسى بولۇپ، خىتاينىڭ ھەر خىل چەكلىمىسى سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ، ئىلگىرىكى دېپلوملىرىنى ئەكەلدۈرەلمەي قاتتىق قىينالماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇش ئىجازەتنامىسى (ئىقامىتى) ھەل بولدى. بىراق تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قايتىشى مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تۈركىيەدە باشقا چىقىش يولى قالمىدى. شۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن تۈركىيە گىراژدانلىقى بېرىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 1853 قېتىم كۆرۈلدى
25/06/2019 08:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق