خىتاي ئامېرىكىنىڭ تەتقىقات ئورگانلىرىغا قانداق سىڭىپ كىردى؟

خىتاي ئامېرىكىنىڭ تەتقىقات ئورگانلىرىغا قانداق سىڭىپ كىردى؟

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى دائىمىي تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ھەيئىتى 19-نويابىر خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئامېرىكا تەتقىقات ئورگانلىرىغا سىڭىپ كىرىش پىلانىغا ئالاقىدار ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
يىغىندا ئامېرىكىدىكى بىر نەچچە تەتقىقات ئورگىنىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆز تەتقىقات ئورۇنلىرىدا خىتاينىڭ «مىڭ كىشىلىك پىلان»ىغا قاتناشقان، ئەمما ھازىرغىچە ئاشكارىلانمىغان خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
خىتاينىڭ «مىڭ كىشىلىك پىلان»ى 2008-يىلى 12-ئايدا يولغا قويۇلغان بولۇپ، چەتئەلدىكى ھەرساھە ئىختىساس ئىگىلىرىنى خىتايغا كىرگۈزۈش، بۇ ئارقىلىق يۇقىرى پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنى، سودا، پەن-تېخنىكا، ئىستراتېگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرگە ئېرىشىش مەقسەت قىلىنغان. 2017-يىلىغىچە جەمئىي 7000 كىشى بۇ پىلانغا قاتناشقان.
يىغىندا ھەرقايسى تەتقىقات ئورگانلىرى بۇ ھەقتە زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. يىغىنغا قاتناشقان فېدراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ۋەكىلىمۇ خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئىشقا سېىلۋاتقانلىقىنى، ئالدىنقى يىلى خىتاينى بۇ پىلانىغا قاتناشقانلارنى قولغا ئېلىش ۋە ئەرز قىلىش ھەرىكىتىنى ئاشكارا ئىجرا قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «مىڭ كىشىلىك پىلان»غا قاتناشقانلارنىڭ تىزىملىكىنى ئۆچۈرۈۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
يىغىندا يەنە ئامېرىكىدىكى 56 ئورۇندا فېدراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىنىپ، ئۇنىۋېرسىتېت ۋە كارخانىلارغا خىتاينىڭ مەزكۇر پىلانىنىڭ خەتىرىنى تونۇشتۇرۇپ كەلگەنلىكى، شۇنداقلا ئامېرىكىغا ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈشنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 710 قېتىم كۆرۈلدى
21/11/2019 12:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق