كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى خىزمىتىنى ئاكتىپ داۋاملاشتۇرماقتا

كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى خىزمىتىنى ئاكتىپ داۋاملاشتۇرماقتا
14-نويابىر كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى يېمەكلىككە ئېھتىياجى بار ئون ئائىلىگە ھەر پەيشەنبە كەچ بىم تاللا دۇكىنىدىن يېمەكلىك ئېلىپ بېرىش پىلانى بويىچە ئەمەلىي ياردەم پائالىيىتىنى ئىشقا ئاشۇردى.
بۇ پەيشەنبە كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى خەلقىمىز ئىچىدىن ياردەمگە ئېھتىياجى بار ئون ئائىلىگە بىم تاللا دۇكىنىدىن يېمەكلىك ئېلىپ، تارقىتىپ بەردى.
ھەر بىر ئائىلىگە بەش كىلوگرام ئۇن، ئىككى يېرىم كىلوگرام گۈرۈچ، ئىككى كىلوگرام شېكەر، بىر قاپ تۇخۇم، بىر كىلوگرام ماي، سارماي قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى تارقىتىپ بەردى.

بىز بارلىق خەلقىمىزدىن بۇ تەشكىلاتىمىزنىڭ خىزمىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى، ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق قوللىشىنى، ياردەمگە ئېھتىياجلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىز بىلەن ئالاقە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: كۆك ھىلال ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 05355996393

 

بۇ خەۋەر 1968 قېتىم كۆرۈلدى
16/11/2019 15:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق