ماركو رۇبىيو: خىتاي سوتسىيالىستىك قۇللۇق تۈزۈمىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ

ماركو رۇبىيو: خىتاي سوتسىيالىستىك قۇللۇق تۈزۈمىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ

ئامېرىكا ئاۋازى تورى بۈگۈنكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشى بارا-بارا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىغان.
گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز (Adrian Zenz) ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن كوستكو (Costco) تاللا بازىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، خوتەن تەيدا كىيىم-كېچەك شىركىتىدە ئىشلەنگەن كىيىملەرنىڭ بىردەك يىغىۋېتىلگەنلىكىنى بايقىغان. 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا بىخەتەرلىك ئىدارىسى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خىتاينىڭ تەيدا قاتارلىق بەش شىركىتىگە چەكلىمە قويغان ئىدى. ئادرىيان زېنز يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن بۇيانقى بىر مىللەت ۋە بىر ئېتىقاد توپىغا يۈرگۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى» دەپ سۈپەتلىگەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاي تەرىپىدىن ھەرقايسى زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان بولۇپ، ئىنتايىن تۆۋەن مائاش بىلەن، ھەتتا مائاش بېرىلمەي ئىشلىتىلگەن. ئىشلەشنى رەت قىلغانلار جازا لاگېرىغا قايتۇرۇلۇش بىلەن تەھدىت سېلىنغان.
تۈنۈگۈن ئامېرىكا پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىدىن تولۇقلىما پۇلى ئالالايدىغانلىقى، شۇنداقلا زور تۈركۈمدىكى ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقى، بۇ سەۋەبلىك دۇنيا بويىچە ئەڭ تۆۋەن باھادا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرالايدىغانلىقى سۆزلەپ ئۆتۈلگەن.
ماركو رۇبىيو يىغىندا توختىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىلمىشلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك قۇللۇق تۈزۈمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا مۇتەخەسسىسلەر يەنە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى»نىڭ تېزرەك ماقۇللىنىشى كېرەكلىكىنى، بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ماگنىتىسكىي قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 731 قېتىم كۆرۈلدى
18/10/2019 15:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق