خوڭكوڭدا «نىقاپ چەكلەش قانۇنى»نى ئىجرا قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا

خوڭكوڭدا «نىقاپ چەكلەش قانۇنى»نى ئىجرا قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭ مەمۇرىي ھۆكۈمىتى جىددىي يىغىن چاقىرىپ، «نىقاپ چەكلەش قانۇنى»نى يولغا قويۇشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
بۇندىن بۇرۇن خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ نامايىشچىلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن «جىددىي ئەھۋال قانۇنى»دىن پايدىلىنىپ، «نىقاپ چەكلەش قانۇنى»نى يولغا قويماقچى ئىكەنلىكى تاراتقۇلاردا كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان ئىدى. نۆۋەتتە خوڭكوڭ مەمۇرىي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە رەسمىي يىغىن چاقىرغان بولۇپ، نەتىجىسى بۈگۈن (جۈمە) ئېلان قىلىنىدىكەن.
خوڭكوڭ دېموكراتچىلار قانۇن كېڭىشى ئەزاسى بۇ ھەقتىكى ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ، مەمۇرىي ھۆكۈمەتنىڭ «جىددىي ئەھۋال قانۇنى»دىن پايدىلىنىشى خوڭكوڭنى بارسا كەلمەس يولغا ئاپىرىپ تاشلايدىغانلىقنى، شۇنداقلا بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكنى بىلدۈرگەن.
خوڭكوڭدىكى ئالاقىدار زاتلار يەنە بۇ قىلمىشنىڭ قانۇنغا ۋە خوڭكوڭ خەلقىگە قىلىنغان ھاقارەت ئىكەنلىكىنى، خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ قانۇن ماددىسىدىن پايدىلىنىپ، «تۇتقۇنلارنى قايتۇرۇپ بېرىش قانۇن لايىھەسى»نى قايتىدىن كۆتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 513 قېتىم كۆرۈلدى
04/10/2019 17:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق