خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياستى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئەندىىشىگە سالماقتا

خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياستى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئەندىىشىگە سالماقتا

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان بىر كۈندە ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى كۆپ سانلىق پارتىيە رەھبەرلىرى بايانات ئېلان قىلىپ: «خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرى كىشىنى ئەندىشىگە سالماقتا» دېگەن.
ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى مىككوننېلنىڭ (McConnell ) خىتاينى ئەيىبلەپ قىلغان باياناتىدا مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن: «خىتاي قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان پەيتتە بىز قەدىمىمىزنى ئاستىلىتىپ، سالماقلىق بىلەن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ئۆلتۈرۈلگەن مىليونلىغان كىشىلەرنى خاتىرىلىشىمىز لازىم. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى لاگېرغا قامىشى، بارلىق ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىپ، تېخنىكىلىق سېپىل قۇرۇپ چىقىش ۋەقەسىدىن باشلاپ بارلىق ھالەتلەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ھازىرقى شى ھاكىمىيىتى ماۋ ھاكىمىيىتى دەۋرىگە ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ. دەۋرىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ ھالەت كىشىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ. مەن خىتاينىڭ خوڭكوڭ خەلقىنىڭ دېموكراتىك نامايىشلىرىنى زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن باستۇرۇش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. خىتاي قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مەزگىلىدە خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزۈۋاتقان نامايىشلىرىنى قوراللىق باستۇرۇۋاتىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، خىتاي باشقا دۇنيا قاراشتىكى ئىنسانلارنى باستۇرۇۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئۆز خەلقىگە قىلغان باستۇرۇش مۇئامىلىسىدىن باشقا كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. خىتاينىڭ ئۆز خەلقىگە قىلغان باستۇرۇشلىرى خىتاينىڭ قوشنىلىرىدا ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتىدۇ».

بۇ خەۋەر 600 قېتىم كۆرۈلدى
04/10/2019 17:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق