تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ كونيا زىيارىتى داۋاملاشماقتا

تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ كونيا زىيارىتى داۋاملاشماقتا

كونيادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت 19- سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن قىزىل ئاي ۋەقفى كونيا شۆبە رەئىسى ھۈسەيىن ئۈزمەزنى زىيارەت قىلدى.
زىيارەتچىلەر ھۈسەيىن ئۈزمەز بىلەن كونيادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. شۇنداقلا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.
19-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ھەيئەت يەنە ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى (İHH) كونيا شۆبە رەئىسى دوكتور ھەسەن ھۈسەيىن ئۇيسالنى زىيارەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، كونيادا يېڭى ئېچىلغان سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنيەت ۋەقفىنىڭ تارمىقى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
چۈشتىن كېيىن ھەيئەت كونيا نەجمىدىن ئەرباكان ئۇنىۋېرسىتىتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتى مۇدىرى دوكتور فىكرەت كاياپىنارنى زىيارەت قىلىپ، كونيادىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەشكىلاتلار بىرلىكى چۈشتىن كېيىن يەنە كونيا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەتتە بىرلىك رەئىسى مۇھسىن گۆرگۈلۈگىل ۋە بىرلىك يېتەكچىلىرىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى.
زىيارەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى ۋە سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى كونيا شۆبىسى قاتارلىق تەشكىلار يېتەكچىلىرى بىلەن بىرلىكتە نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئالاقىدار خىزمەتلەر ھەققىدە مەسلىھەت ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى.
تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى 20-سېنتەبىر ئەتتىگەن كونيا كاراتاي ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاقساقاللار ھەيئەت ئەزاسى، ئۇنىۋېرسىتېت مۇئاۋىن باش كاتىپىنىڭ تەكلىپى بىلەن بىرلىكتە ناشتا قىلدى.
ھەيئەت ئەزالىرى تاماق زىياپىتى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كونيادا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇشقا ئالاقىدار ئارزۇ-تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

 

بۇ خەۋەر 1345 قېتىم كۆرۈلدى
20/09/2019 21:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق