خەلق سوتى: خىتاي تۇتقۇنلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋالماقتا

خەلق سوتى: خىتاي تۇتقۇنلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋالماقتا

ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات «خىتايدىكى قالايمىقان ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشنى توختىتىش بىرلەشمىسى» تەسىس قىلغان «خىتاي سوتى» 17-ئىيۇن لوندوندا يىغىن چاقىرىپ، يېقىنقى نەچچە ئايلىق تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا خىتايدىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش قىلمىشلىرىنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2005-يىلى خىتاي دائىرىلىرى ئىشلىتىلىۋاتقان ئىچكى ئەزالارنىڭ ئاساسلىق مەنبەسىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەر ئىكەنلىكىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، 2015-يىلىغا كەلگەندە بۇ قىلمىشىنى تولۇق توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان.
ئەمما مەزكۇر تەشكىلات ئىستاتىستىكا قىلىش ئارقىلىق خىتايدىكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەلىرىنىڭ ئەزا تەقدىم قىلغانلارنىڭ سانىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن خىتايدىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش قىلمىشلىرىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىدا ئاساسلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ فالۇن گۇمپىسى مۇرىتلىرى ئىكەنلىكى، ئەمما خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتى ۋە مەجبۇرىي بەدەن تەكشۈرۈش ھەرىكەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىي ئېلىۋېلىنغانلىقىغا ئائىت دەلىل-ئىسپاتلارنىڭمۇ كەلگۈسىدە ئاشكارىلىنىشى مۇمكىن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم دوكلاتتا 2017-يىلى خىتاي ئېلان قىلغان ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى سانىنىڭ بەش مىڭ قېتىم ئەتراپىدا ئىكەنلىكى، ئەمەلىي ساننىڭ بولسا يۈز مىڭ قېتىمغا يېتىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەمما خىتاي بۇلارنى تولۇق رەت قىلغان. خىتاينىڭ ئۇچۇرلارنى قاتتىق مەخپىي تۇتۇشى نەتىجىسىدە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارمۇ ئېنىق سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەن.
مەزكۇر تەشكىلات پايدا ئالمايدىغان، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات بولۇپ، خەلق سوتى شەكلىدە بولغانلىقى ئۈچۈن قانۇنىي چەكلىمىلىكى يوق ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1044 قېتىم كۆرۈلدى
20/06/2019 13:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق