ئامېرىكا: خوڭكوڭنىڭ ئالاھىدە رايونلۇق ئىمتىيازى بىكار قىلىنىدۇ

ئامېرىكا: خوڭكوڭنىڭ ئالاھىدە رايونلۇق ئىمتىيازى بىكار قىلىنىدۇ

دۇنيا ئاۋازى تورىنىڭ بۈگۈن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باياناتچىسى ئورتېگاس خوڭكوڭدا ئىجرا قىلىنماقچى بولغان «قاچقۇنلارنى بىر تەرەپ قىلىش قانۇنى» ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان.
باياناتتا ئەگەر خوڭكوڭ دائىرىلىرى قاچقۇنلارنى بىر تەرەپ قىلىش قانۇنىنى ماقۇللىسا، خوڭكوڭنىڭ ئالاھىدە رايونلۇق ئىمتىيازىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
باياناتتا يەنە «مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ كوچىلارغا چىقىپ قارشىلىق كۆرسىتىشى شۇنى ئېنق كۆرستىپ بەردىكى، خەلق بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم سىياسىتىنى بۇزالايدۇ» دېگەنلەر بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ ئامېرىكىنىڭ باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ باياناتنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە ئامېرىكا تەرەپنى خوڭكوڭ مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا، «قاچقۇنلارنى بىر تەرەپ قىلىش قانۇنى» ماقۇللانغان تەقدىردىمۇ، خوڭكوڭنى تاموژنا بېجى جېڭى ۋە خىتايغا يۈرگۈزىدىغان يۇقىرى تېخنىكا ئېمبارگوسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراتماسلىققا چاقىرغان.

بۇ خەۋەر 1484 قېتىم كۆرۈلدى
12/06/2019 14:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق