تۈركىيە خەتەر ئىچىدە قالغان ئۇيغۇرغا قۇچاق ئاچماقتا

تۈركىيە خەتەر ئىچىدە قالغان ئۇيغۇرغا قۇچاق ئاچماقتا

23-ئۆكتەبىر سەئۇدى ئەرەبىستاندىن مىسىرغا قايتۇرۇلۇپ، قاھىرە ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنغان سىدىقۇللاھ نۇرمەمەت شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ تىرىشچانلىقى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قۇچاق ئېچىشى بىلەن 5-نويابىر چۈشتە تۈركىيەگە قايتىپ كەلدى.

سىدىقۇللاھ نۇرمەمەت ئۈچ ئايلىق مىسىردا تۇرۇش رۇخسىتى بىلەن 27-ئۆكتەبىر قويۇپ بېرىلگەن. لېكىن ئۇنىڭ ئۈچ ئايدىن كېيىنكى ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى نامەلۇم  بولۇپ، باشقا بىر دۆلەتكە كېتىۋېلىپ، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىدىن قۇتۇلۇش چارىسى ئۈستىدە جىددىي ئويلانغان. ئاخىرى تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخانغا تېلېفون قىلىپ، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەتلا ئۈچ ئايلىق تۇرۇش رۇخسىتى بەرگەنلىكىنى، ئۈچ ئاي ئىچىدە ياكى ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن نەگە بېرىشىنى، نەدە تۇرۇشىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئاخىرى ئۇيغۇرلارغا قۇچاق ئېچىپ كېلىۋاتقان تۈركىيەگە بېرىۋېلىشنى ئويلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇنىڭغا بۇ جەھەتتە ياردەم قىلىشنى مۇراجىئەت قىلغان.

ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، خەلق ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، سىدىقۇللاھ نۇرمەمەتنىڭ خەتەر ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىش ھەققىدە بىر نەچچە قېتىم ئىلتىماس سۇنغان. سىدىقۇللاھ نۇرمەمەت ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن تۈنۈگۈن تۈركىيەنىڭ سابىھە گۆكچەن ئايرودرومىغا چۈشكەن بولۇپ، ئىككى سائەت توختىتىپ قويۇلغاندىن كېيىن تۈركىيەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنغان.

سىدىقۇللا نۇرمەمەت تۈركىيەگە كىرگەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ، قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخانغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.

مىسىردا ئوقۇۋاتقان سىدىقۇللاھ نۇرمەمەت 23-ئۆكتەبىر كېچە سائەت بىر ئەتراپىدا ئۆمرە ئىبادىتى ئۈچۈن قاھىرە ئايرودرومىدىن جىددىگە قاراپ ئۇچقان. جىددە ئايرودرومىغا چۈشكەندىن كېيىن تاموژنا ساقچىلىرى «سەن خىتايغا ئوخشىمايدىكەنسەن» دېگەن باھانىلەر بىلەن ئۇنىڭ كىملىكىدىن گۇمان قىلىپ، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:50دە جىددە ئايرودرومىدىن قاھىرەگە قايتۇرۇۋەتكەن. ئۇ قاھىرە ئايرودرومىغا چۈشكەندىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، سىدىقۇللاھ بۇ قېتىم قاھىرە ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى بۇ ئىشقا ئارىلاشقان. ئۇ ئىلگىرى ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان سىدىقۇللاھ نۇرمەمەت مىسىردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەزگىللەردىن تارتىپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ خەۋەر 1107 قېتىم كۆرۈلدى
06/11/2019 09:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق