شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى خىتايدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا

شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى خىتايدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقىرى بېسىملىق باشقۇرۇش سىستېمىسى ئاستا-ئاستا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىغان.
خىتاي دائىرىلىرى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا نىسبەتەن كەڭچىلىك سىياسىتى قوللىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، يېقىنقى مەزگىللەردە بۇ ئەھۋال ئۆزگىرىشكە باشلىغان. ئالدىنقى يىلى 11-ئايدا نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونۇم رايونىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەك شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە بارغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن نىڭشيا ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىق ئورناتقان ۋە نىڭشيادىكى نۇرغۇنلىغان مەسچىتلەرگە شەرقىي تۈركىستاندىكىگە ئوخشاش كۆزىتىش كامېرالىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان.
ئۇندىن باشقا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگان ئىماملار ھەرئايدا بىر نەچچە كۈن تەربىيەلەشنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى كومپارتىيەنىڭ سىياسەتلىرى، ئىدىيىۋى قاراشلىرى ئۆگىتىلگەن، شۇنداقلا ئۇلاردىن قەرەللىك ئىمتىھان ئېلىنىپ تۇرغان. خىتاي دائىرىلىرى يەنە ئەسىليەتچىلىك ئىدىيەسى بار دەپ گۇمان قىلىنغان ئىماملارنى خىزمىتىدىن بوشاتقان. نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان مەكتەپلىرى تاقالغان.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى كۆپلىگەن مەسچىتلەر چېقىۋېتىلگەن ياكى ئۆزگەرتىلىپ، ئىسلامىي تۈسى يوقىتىۋېتىلگەن. ئالدىنقى ئايدىكى خەۋەرلەردە يەنە بېيجىڭدىكى مۇسۇلمانچە ئاشخانىلاردىكى ئەرەبچە خەتلەر ۋە ئىسلامىي بەلگىلەرنىڭ مەجبۇرىي ئېلىۋېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 1299 قېتىم كۆرۈلدى
27/09/2019 15:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق