ئابدۇرەقىب تۆمۈرنىياز خىيانىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئابدۇرەقىب تۆمۈرنىياز خىيانىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا

19-ئاۋغۇست ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى بارغانسېرى ناچارلاشقان بىر پەيتتە ئابدۇرەقىب تۆمۈرنىياز ئاشكارا خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە چەتئەل مۇخبىرلىرىغا يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە خىيانەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان.
يېقىندا بىر نەچچە دۆلەتنىڭ مۇخبىرلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلغان. مۇخبىرلار ئوقۇغۇچىلاردىن: «پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بارمۇ، يوقمۇ؟» دەپ سورىغاندا، ئوقۇغۇچى يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن سىقىلىپ دۇدۇقلاپ قالغاندا، ئابدۇرەقىب تۆمۈرنىياز ئوقۇغۇچىنىڭ ئېغىزىغا گەپ سېلىپ: «دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى بار دەڭ» دەپ يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە قىستىغان. ئوقۇغۇچى يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ: «پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى بار» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئارىلىقتا ئابدۇرەقىبنىڭ «ئۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ، دەۋەتمىسىڭىز بولمايدۇ» دەپ تەھدىت سالغان ئاۋازى سىنغا ئېلىنغان. مۇخبىرلارنىڭ «شەرقىي تۈركىستاندا ئەزان ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنامدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋابەن ئابدۇرەقىب يالغان گۇۋاھلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مەسچىتلەردە ئوقۇش ئاللىبۇرۇن چەكلەنگەن ئەزان بىلەن سۈرە فاتىھەنى مۇخبىرلارنىڭ ئالدىدا ئوقۇغۇچىلاردىن بىرىگە ئوقۇتقان.
كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارادا ئوسال ئەھۋالغا قالغان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋاسىتە تاللىماي، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا باشلىغانلىقىنى، بۇ قېتىم چەتئەل مۇخبىرلىرىنى زىيارەت قىلدۇرغان ئاتالمىش ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى دەۋالغان كىشىلەرنىڭ ئوقۇغۇچى ئەمەسلىكىنى، خىتاي مۇخبىرلارنى ئالداش ئۈچۈن ياساپ چىققان ساختا مەيدان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە

 

بۇ خەۋەر 1426 قېتىم كۆرۈلدى
20/08/2019 15:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق