زىننەتگۈل ۋە ئىككى بالىسىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى غۇلغۇلا قوزغىماقتا

زىننەتگۈل ۋە ئىككى بالىسىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى غۇلغۇلا قوزغىماقتا

بىر قانچە كۈندىن بۇيان "زىننەتگۇل" ئىسىملىك بىر ئايال بىلەن ئىككى پەرزەنتىنىڭ تۈركىيەدىن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا كەڭ غۇلغۇلا قوزغىدى.

تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى بۇ ئىشنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى بىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

خەۋەرلەردە بۇ ئايالنىڭ ئىزمىر كۆچمەنلەر مەركىزىدىن تاجىكىستانغا تاپشۇرۇلۇپ، تاجىكىستاننىڭ خىتايغا تاپشۇرۋەتكەنلىك خەۋىرىنىڭ يېيىلىشى بىلەن تەڭ خەلقىمىز ئارىسىدا بىئاراملىق پەيدا قىلدى.

كۆچمەنلەر ئىدارىسى باش مۇدىرى، ياردەمچىلىرى، جۇمھۇر رەئىس قارمىغىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە تۈركىيەدە تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك ئاممىۋى تەشكىلارتلار بىلەن جىددى مۇناسىۋەتكە ئۆتۈپ بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى سۈرۈشتە قىلىش جەريانىدا، پەيشەمبە  كۈنى گۆچ ئىدارىسى مەسئۇللىرىغا زىننەتگۇلنىڭ ئىقامىتىنىڭ كۆپەيىتمىسىنى يوللاپ سۈرۈشتە قىلىنغان.

بېرىلگەن جاۋابتا بولسا، «بۇ ئايال ئۇيغۇر ئەمەس ، بىز ھىچ بىر ئۇيغۇرنى خىتايغا تاپشۇرمىدۇق تاپشۇرمايمىز ۋە ھىچكىم تاپشۇرالمايدۇ» پەقەت تاجىكىستانغا «رەھىمە ئاھمەدوۋا» ئىسىملىك بىر تاجىك ئايالنىڭ تاپشۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما مائارىپ جەمئىيىتى رەھبەرلىرى قانائەتلەنمەي زىننەتگۇلنىڭ ئاچىسى دەپ بىلىنگەن بىر ئايالنىڭ مەزكۇر ئايالنىڭ سىڭلىسى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بايانىغا ئاساسەن تۆنۈگۈن جۈمە كۈنى يەنە ھەرىكەتكە ئۆتۈپ كۆچمەنلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگان مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى ۋە تاجىكىستانغا يوللانغان ئايالنىڭ تاجىك ئەمەس ئۇيغۇر ۋە ئىسمىنىڭ " زىننەتگۇل ئىكەنلىكى توغرىسىدا سىجىل تۇرۇپ سۈرۈشتىسىنى قىلغان. شۇنداقلا بۇ ۋە باشقا «تەھدىت كود»لىرى تۈپەيلى تۈركىيەدە تۇرۇش كېنىشكىسى(ئقامەت) ئالالماي "خىتايغا سېلىنىپ كېتىش ئەندىشىسى" تۈپەيلى قورقۇش ئىچىدە ياشاۋاتقان 2000 ئەتراپىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەسىلىسىنى كۆرۈشۈپ جىددى ھەل قىلىش ئىستىكى ئاساسىدا ردەرھال ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش تەلىپىدە بولغان.

تۆنۈگۈن چۈشتىن كېيىن يەنە كۆچمەنلەر ئىدارىسى باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخانغا تېلېڧۇن قىلىپ،  
 « مەزكۇر ئايالنىڭ سۈرىيە چىگرىسىدا تۇتۇلغانلىقى ۋە تۇتۇلغاندا ئۆزىنى تاجىك دەپ تونۇشتۇرغانلىقى، ئىپادە ئېلىنىش جەريانىدا ئىسمىنى "رەھىمە ئاھمەدوۋا " دەپ بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن تاجىكىستان ھۆكۈمىتىگە بۇ ۋەتەندىشىنى ئېلىپ ئالمايدىغانلىقى سورالدى ۋە تاجىكىستاننىڭ تەلىپىگە بىنائەن تاجىكىستانغا بېرىلگەنلىكىنى»ئېيتقان.  
مۇدىر سۆزىدە يەنە: «بىز بىر ئۇيغۇرنى خىتايغا بېرىش سىياسىتىمىز بولغان بولسا نۇرغۇن «ئېغىر» كىشىلەرنى قويۇپ بىر ئاجىز ئايالنى تاپشۇرامدۇق؟ بۇ ئىشتا قەستەنلىك يوق ، بىزنىڭ رەسمى ئارخىپتا تۇرغۇزۇلغان ئەنگە ئاساسەن تاجىكىستانغا بېرىش بولدى. ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق توغرىسىدا دۆلەتنىڭ ئالاھىدە ۋە قەتئىي ئۇقتۇرىشى بار» دەپ سۆز قاتتى. 
 مائارىپ جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ ئىشنى ئىز قوغلاپ سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى، مەيلى قانداقلا نەتىجە بىلەن ئاياقلاشسۇن بۇ ئىشتا نۇرغۇن سۇئال بەلگىسى قويۇلىدىغان شۈبھىلەرنىڭ بارلىقىنى، بۇ ئايالنىڭ ئۆزىنى تاجىكستانلىق دەپ بىلدۈرگەن تەقدىردىمۇ قولىدا تۈركىيەنىڭ خىتاي پاسپورتىغا ئاساسەن بېرىلگەن رەسمىي ئىقامىتى بولغان بىرىنىڭ قانداق بولۇپ تاجىكىستانغا بۇنداق ئاسان قايتۇرۇلغانلىقى ۋە ئۇ يەردىن قانداق بولۇپ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۆچمەنلەر ئىدارىسى رەئىسىنىڭ تاجىكىستان ھۆكۈمىتىگە بۇ ۋەتەندىشىنى ئېلىپ ئالمايدىغانلىقى سورالدى ۋە تاجىكىستاننىڭ تەلىپىگە بىنائەن تاجىكىستانغا بېرىلدى دېگەن سۆزلىرىمۇ كىشىنى ئويغا سالىدىغان بولۇپ، قولىدا تاجىكىستانغا كېتەلەيدىغان ھېچقانداق پاسپورت ياكى بەلگە بولمىغان ئانا - بالىلار تاجىكىستانغا قانداق ئېلىپ كېتىلدى؟ تۈركىيەدىكى تاجىكىستان كونسۇلخانا خادىملىرى ئۆز پۇقراسى بىلەن كۆرۈشكەن ھامان ئۇ ئايالنىڭ تاجىك ئەمەسلىكىنى شۇ ھامان بىلىشى كېرەكتىغۇ؟ دېگەندەك سۇئاللار جاۋاب كۈتمەكتە. 

بۇ خەۋەر 1549 قېتىم كۆرۈلدى
27/07/2019 15:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق