ئىيى پارتىيەدىن ئەردوغانغا جىددى نارازىلىقلار ياغماقتا

ئىيى پارتىيەدىن ئەردوغانغا جىددى نارازىلىقلار ياغماقتا

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن ئاخباراتقا چىققان ئەردوغانغا ئائىت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن سۆزلەر تۈركىيىدە غۇلغۇلا قوزغاشقا داۋام قىلماقتا.

تۈركىيەدىكى مىللەتچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان ئىيى پارتىيە مىللەت ۋەكىلى ياۋۇز ئاغىر ئەلى ئوغلۇ تۆنۈگۈن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە قىلغان سۆزىدە؛ جۇمھۇر رەئس ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى بەختلىك ۋە ھۇزۇر ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ دېگەن سۆزلىرى توغرا دەپ قارىمايمەن. ئەگەر مەن بۈگۈن ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىم، سىز بەخىتلىك ئىكەنلىكىنى دېگەن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ بەختىنى ئاللاھ سىزگىمۇ نېسىپ قىلسۇن دېسەم، بەددۇئا قىلغان بولىمەن.

ئۇلارغا ئوخشاش بەخىتلىك بولۇڭ دېسەم، بۇ بەخىت تىلىكىم بەددۇئادۇر!

مەن ھۆرمەتلىك رەئىسكە ئىنشائاللاھ پەرزەنتلىرىڭىز بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركلەرگە ئوخشاش بەخىتلىك بولۇڭ دېسەم، بۇ بەددۇئادۇر.

مەن دۆلەتنىڭ بېشىغا بەددۇئا قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەيمەن.

چۈنكى مەن بۇنداق دېسەم؛ تاييىب ئەردوغان ئەپەندىمگە شۇنداق دېگەن بولىمەن:

سۈمەييەنى قولىڭىزدىن ئېلىۋالسۇن! نەۋرىلىرىڭىزنى تارتىپ ئېلىۋالسۇن! پەرزەنتلىرىڭىزنى جېنىدىن تويغۇزسۇن! دىنىڭىزنى ياشىغىلى قويمىسۇن! ئىبادەت ھەقلىرىڭىزنى قولىڭىزدىن ئالسۇن! دېگەن بولىمەن.

مەن بۇنداق سۆزنى جۇمھۇر رەئىسكە سۆزلەشتىن ھەزەر ئەيلەيمەن، جۇمھۇر رەئىسىمىزمۇ ھەزەر ئەيلىسۇن!

تۈركلەر ئۇ يەردە بەختلىكتۇر دېيشىنىڭ ئورنىغا، تۈرك يۇرتىدا پەرياد - پىغان ئەرشى ئەلاغا يەتتى دېيىشىڭىز كېرەك. شۇنداق دېيىشكە مەجبۇرسىز، 35 مىليون تۈرك ئۇ يەردە دىنى، ئىمانى، ئۇرۇق - ئەۋلادلىرى دەپسەندە قىلىنىپ تۇرۇپ مۇجادىلە بېرىۋاتىدۇ. دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

شۇنداقلا ئىيى پارتىيە ئەنقەرە مىللەت ۋەكىلى ئىبراھىم خەلىل ئورال ئەپەندىمۇ مەجلسىتە سۆز قىلىپ؛ خىتاي ئاخباراتلىرىدا چىقىۋاتقان خەۋەرلەر ھەممىزنى چوڭقۇر راھەتسىز قىلدى، ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسنىڭ قەدىم تۈرك يۇرتى شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئاغزى بىلەن شىنجاڭ دېيىشى، ئۇ يەردە زۇلۇم ئاستىدا ئىڭراۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى بەخىتلىك ياشاۋاتىدۇ دېيىشى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئىشتۇر. بۇنى نە ۋىجدانىمىز، نە تۈرك تارىخىنىڭ بىزگە بەرگەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئەسلا قوبۇل قىلمايدۇ.

شەرقىي تۈركىستاندا ئەگەر راستىنلا ئىرقداشلىرىمىز ھۇزۇر ئىچىدە ياشاۋاتقان بولسا ئۇنداقتا ھەممەيلەن ئۈرۈمچىگە كېتىپ، شۇ يەردە ياشايلى! مەلۇم بولغاندەك دۆلىتىمىزدە ئىقتىسادى كىرزىس ئەۋجىگە چىقىۋاتقاندا بەلكى ئۇ يەردە تېخىمۇ راھەتلىنىپ قالارمىز!

ئەگەر بۇ بايانلار ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسكە ئائىت بولماي، خىتاي ئاخباراتلىرى ھەر ۋاقىتتىكىدەك بۇرمىلاپ خەۋەر قىلغان بولسا، نېمىشقا ھازىرغىچە جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ياكى ئاخبارات ئىشخانىسىدىن بىر بايانات كەلمەيدۇ؟ ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزدىنمۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە ئېنىق بىر بايانات بېرىشىنى كۈتىمىز!

بىز ئىيى پارتىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈزىتىمىز!

ئۇ يەردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى، خىتاي زۇلۇملىرىنى تىلغا ئېلىشنى داۋام قىلىمىز،

بىز ئۈچۈن ئال بايراق قانداق بولسا، كۆك بايراق شۇدۇر! ئەنقەرە قانداق بولسا، ئۈرۈمچى شۇدۇر! دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

مەنبە:https://www.facebook.com/watch/?v=1081298002064357

 

بۇ خەۋەر 1556 قېتىم كۆرۈلدى
05/07/2019 18:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق