خىتاي خوڭكوڭ نامايىشىنى نومۇسسىزلارچە بۇرمىلاشقا تىرىشماقتا

خىتاي خوڭكوڭ نامايىشىنى نومۇسسىزلارچە بۇرمىلاشقا تىرىشماقتا

18-ئىيۇن خوڭكوڭ خەلقىنىڭ «تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇش قانۇنى»غا قارشى ئۆتكۈزگەن نامايىشىنىڭ بارغانسېرى كۆلەملىشىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى نامايىشىنىڭ نىشان-مەقسىتىنى نومۇسسىزلارچە بۇرمىلاشقا تىرىشقان.
18-ئىيۇن خىتاينىڭ داگوڭباۋ گېزىتى خوڭكوڭدىكى نامايىشىنى بۇرمىلاپ، «مىليونلىغان خوڭكوڭ خەلقى كوچىغا چىقىپ، ئاتىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى» دەپ خەۋەر تارقاتقان.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يەنە نامايىش خاراكتېرىنى بۇرمىلاپ: «ئىككى مىليونغا يېقىن خوڭكوڭ خەلقى كوچىغا چىقىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى قانۇن ئۆزگەرتىش ئىشىغا ئارلىشىشىغا قارشى نامايىش قىلدى. خوڭكوڭ خەلقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىدى» دەپ خەۋەر تارقاتسا، يەنە بەزى خەۋەر مەنبەلىرىدە: «خەلق خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇنلارنى يۆتكەش قانۇنىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ نامايىشقا چىقتى. نامايىشچىلارنىڭ سانى، ئىرادىسى پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى» دېگەندەك نومۇسسىز خەۋەرلەرنى تارقاتقان.

 

بۇ خەۋەر 5559 قېتىم كۆرۈلدى
19/06/2019 14:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق